كىم جۇنيۇن شىمالىي كورىيەنىڭ ئۇزۇن مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتۈش ئالدىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى
2017.01.01
شىمالى كورىيە رەھبىرى كىم جۇنيۇن ئۆز دۆلىتىنىڭ «قىتئەلەر ئارا ئۇزۇن مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ياساش خىزمىتىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچقا كىرگەنلىكى»نى كۆرسەتكەن،
ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كىم جۇڭيۇن بۇ ئۇچۇرنى ئۆزىنىڭ يېڭى يىللىق نۇتۇقىدا ئېيتقان.
مەلۇمكى شىمالى كورىيە 2016-يىلى ۋە ئۇنىڭدىن ئىلگىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە خەلقئارا جەمىيەتنىڭ ئاگاھلاندۇرىشىغا قارىماي، كۆپ قېتىمباشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ بارغان ئىدى.
پىيوڭياڭ دائىرىلىرى خەلقارا جەمىيەتنىڭ ئەيىبلىشى ۋە ئىمبارگولىرىغا قارشى ئۆزىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا تەخنىكىسىنى راۋاجلاندۇرغان.
كىم جۇنيۇن سۆزىدە يەنە شىمالىي كورىيەنىڭ ھەربىي كۈچىنى كۆككە كۆتۈرۈپ،«ئۆتكەن يىلى شىمالىي كورىيە دۆلەت مۇداپىئەسى،ئەمەلىي كۈچى جەھەتتە تارىخىي بۇرۇلۇشنى ئەمەلگە ئاشۇردى، شىمالىي كورىيە شەرقتىكى كۈچلۇك يادرو دۆلىتىگە ۋە ھەربىي جەھەتتىن قۇدرەتلىك دۆلەتكە ئايلاندى» دېگەن.
كىم جۇنيۇن ئىلگىرى ئۆز ھەربىي كۈچىنى دەبدەبە قىلىپ، بىر قانچە قېتىم جەنۇبىي كورىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.
ئۇ بۇ قېتىمقى سۆزىدە يەنە شىمالى كورىيەنىڭ تۇنجى قېتىم ۋودرود بومبىسى سىنىقى ئېلىپ بارغانلىقىنىمۇ تىلغا ئالغان.