جەنۇبىي كورىيە شىمالىي كورىيىنىڭ ئۇزۇن مەنزىللىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى شەرققە قاراپ توغرىلىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
جەنۇبىي كورىيە مۇداپىئە مىنىستىرى شىمالىي كورىيىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ مەقسىتىنىڭ ئوچۇق ئەمەسلىكى ئەمما، بۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ ئامېرىكىغا يېتىپ كەلگۈدەك ئىقتىدارغا ئىگە ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.
شىمالىي كورىيە تۈنۈگۈن ئامېرىكىغا قارشى ھۇجۇم قوزغاش پىلانىنىڭ تەستىقلانغانلىقىنى جاكارلىغان. ئامېرىكا بۇنىڭغا قارشى، ئۆزىنىڭ بومبا قالقان سىستېمىسىنى تىنچ ئوكياندىكى گۇام ئاراللىرىغا يۆتكەشنى قارار قىلدى. شىمالىي كورىيە ئىلگىرى ھۇجۇم قىلىش ئېھتىماللىقى بولغان يەرلەر ئارىسىدا ئامېرىكا، ھاۋاي ۋە گۇامنى كۆرسەتكەن ئىدى.
مۇتەخەسسىسلەر شىمالىي كورىيە ئۆتكەن 12-ئايدا سىناق قىلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار ئىچىدىكى ئەڭ كۈچلۈكىنىڭ 6000 كىلومېتىرلىق مۇساپىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئامېرىكا قۇرۇقلۇقىغا يېتىپ كېلەلمىسىمۇ، ئەمما گۇام ئاراللىرىغا ئۇلىشالايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.