ئامېرىكا شىمالىي كورىيىنىڭ «پۇشايمان» غا قالىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى

ئامېرىكا شىمالىي كورىيىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۇنىڭ ئىلگىرىلەپ ئىغۋاگەرچىلىك قىلسا «پۇشايمان» غا قالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شىمالىي كورىيىنىڭ شەرق دېڭىز قىرغىقى ئەتراپىغا ئىككى ئوتتۇرا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرۇشى ئامېرىكىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.

ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جورجى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۇنىڭ ھەرىكىتىنى ئىغۋاگەرچىلىك، ئۇ خەلقئارا قائىدىگە ئەمەل قىلىشى ۋە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك، دەپ كۆرسەتتى. شىمالىي كورىيە ئورۇنلاشتۇرغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنىڭ جەنۇبىي كورىيە، ياپونىيە ۋە ئامېرىكىنىڭ گۇئام ئارىلىدىكى نىشانلارغا زەربە بېرىش ئىقتىدارى بار. ئامېرىكا شىمالىي كورىيىنىڭ تەھدىتىگە جىددىي مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ كەلدى.

بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا گۇئام ئارىلىغا ئىلغار تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالقان سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇرۇشنى قارار قىلغان. ئامېرىكا مەزكۇر سىستېمىسىنى 2015‏-يىلى ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلانلاپ كەلگەن ئىدى. بىراق، شىمالىي كورىيىنىڭ يادرو تەھدىتى ئورۇنلاشتۇرۇشنى تېزلەتكەن.

شىمالىي كورىيە جۈمە كۈنى پيوڭياڭدا تۇرۇشلۇق چەتئەل ئەلچىخانىلىرىغا ئۇقتۇرۇش قىلىپ، توقۇنۇش يۈز بېرىپ قالسا ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. كورىيە ئارىلىنىڭ ۋەزىيىتى ئامېرىكىغا ئىتتىپاقداش ئەللەرنىڭ ئىنكاسىنى قوزغىدى. فىلىپپىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى روسارىئو، فىلىپپىننىڭ ئامېرىكىنى تېخىمۇ كۆپ ھەربىي بازا بىلەن تەمىنلەشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

گېرمانىيە شىمالىي كورىيىنىڭ باش ئەلچىسىنى چاقىرتىپ، ۋەزىيەتنى ئۆتكۈرلىشىپ كېتىشىگە شىمالنىڭ جاۋابكار ئىكەنلىكىنى ئاگاھلاندۇرغان. جەنۇبىي كورىيە سەل بۇرۇن شىمالنىڭ ھەرقانداق ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكىتىگە ئىككىلەنمەي جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.