شىمالىي كورىيە پەيشەنبە كۈنى جەنۇبىي كورىيىگە يەنە بىر قېتىم ئۇرۇش تەھدىتى قىلىپ، ئۆزىنىڭ كۈچلۈك زەربە بېرىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
شىمالىي كورىيىنىڭ بۇ خىل پوزىتسىيىسى بۈگۈن 8 دۆلەت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى. لوندوندا ئېچىلىۋاتقان 8 دۆلەت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بۈگۈن ئاياغلاشقان بولۇپ، يىغىن ئاخىرىدا ئېلان قىلىنغان ئورتاق باياناتتا شىمالىي كورىيە ئەيىبلەندى. ئۇلار شىمالىي كورىيىنى بۇ جىددىيلىكنى دەرھال ئاياغلاشتۇرۇش ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى.
بۈگۈن ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان دوكلاتتا، شىمالىي كورىيىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئۇچى قىلغىلى بولىدىغان يادرو قورالىنى ياساپ بولغان بولۇشى مۇمكىنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئەمما كۆزەتكۈچىلەر، بۇ يادرو قوراللىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا قويۇپ بېرىلىش ئېھتىمالىنىڭ تۆۋەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.
شىمالىي كورىيىنىڭ پات يېقىندا ئۇزۇن مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلىشى مۇمكىنلىكى پەرەز قىلىنماقتا. بۇنىڭغا قارشى ياپونىيە، جەنۇبىي كورىيە قاتارلىق دۆلەتلەر قارشى تەدبىر ئالغان ئىدى. ئامېرىكىمۇ شىمالىي كورىيىنىڭ گۇامغا ھۇجۇم قىلىش تەھدىتىدىن كېيىن بومبا قالقانلىرىنى گۇام ئاراللىرىغا يۆتكەشنى قارار قىلغان ئىدى.
