جون كەرىي: شىمالىي كورىيە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلسا زور خاتالىق ئۆتكۈزىدۇ

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى جون كەرىي جۈمە كۈنى شىمالىي كورىيىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۇ ئوتتۇرا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ بارسا زور خاتالىق ئۆتكۈزىدۇ، دەپ كۆرسەتتى.

ئامېرىكىنىڭ شىمالىي كورىيەنى ھەرگىز يادرو دۆلىتى، دەپ ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. كەرىي بۇ سۆزلەرنى جۈمە كۈنى جەنۇبىي كورىيەنى زىيارەت قىلىپ، پرېزىدېنت پاك گيېن خې بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن قىلدى.

كەرىي ئامېرىكىنىڭ شىمالىي كورىيە بىلەن ئۇنىڭ بۇرۇن بەرگەن يادرو قوراللىرىدىن ۋاز كېچىش ۋەدىسى توغرىلىق سۆھبەت ئېلىپ بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بىراق ئامېرىكا زۆرۈر تېپىلغاندا ئۆزىنىڭ بۇ رايوندىكى ئىتتىپاقداشلىرىنى قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ، شىمالىي كورىيە رەھبىرى كىم جۇڭ ئۇننى ئاگاھلاندۇرۇپ، شىمالىي كورىيە رەھبىرى توقۇنۇشنىڭ نىمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى چۈشىنىشى كېرەكلىكى، بەلكى ئۇنىڭ بۇنى چۈشىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

كەرىينىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىچە، ئەگەر كىم جۇڭ ئۇن خەلقئارا جەمئىيەتنى چەتكە قايرىپ قويۇپ، باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ بارسا، شىمالىي كورىيەنى ئىلگىرىلەپ يالغۇزلۇققا مەھكۇم قىلىدۇ.

بىراق شىمالىي كورىيە يېقىندىن بۇيان يادرو قوراللاردىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى قايتا-قايتا تەكىتلەپ، ئۇنىڭ بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىدىغان «ئەڭگۈشتەر» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

جەنۇبىي كورىيە جون كەرىينىڭ شەرقىي ئاسىيا سەپىرىنىڭ تۇنجى بېكىتى. ئۇ شەنبە كۈنى خىتاينى، يەكشەنبە ياپونىيەنى زىيارەت قىلىدۇ.

جون كەرىي خىتاينىڭ بەزى كەسكىن چارىلەرنى قوللىنىپ، شىمالىي كورىيەنى يادرو قوراللىرىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلاش-مەجبۇرلىماسلىقى ئۇنىڭ ئۆزىگە باغلىق، دېگەن.