ئاقساراي جۈمە كۈندىكى باياناتىدا شىمالىي كورىيەنىڭ يادرو ئۇرۇشى قىلىشقا قۇربى يەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئاقساراي باياناتچىسى جەي كارنېي بۇ ھەقتە توختىلىپ: شىمالىي كورىيە يادرو ئوق بېشى ئېلىپ يۈرەلەيدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى ھەربىي ئورۇنلاشتۇرۇش قابىلىيىتىنى نامايان قىلغىنى يوق، دېدى.
ئامېرىكىنىڭ بۇ باياناتى شىمالىي كورىيە دائىرىلىرى ئامېرىكىغا قارىتا يادرو ھۇجۇمى قوزغايدىغانلىقى ھەمدە بۇنىڭغا ئالاقىدار بىر باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىقتى.
ئالدىنقى كۈنى بىر نەپەر ئامېرىكا ئەمەلدارى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە ئاخبارات دوكلاتىدىن نەقىل ئېلىپ، شىمالىي كورىيەنىڭ يادرو ئوق بېشى ئېلىپ يۈرەلەيدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ياساش تېخنىكىسىغا ئىگە ئىكەنلىكنى بىلدۈرگەن.
جەي كارنېي بۇنى رەت قىلىپ: ئەگەر بار دېگەندىمۇ، بۇنىڭ ئىشەنچلىك دەرىجىسى بەك تۆۋەن، دېدى.
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى كەرىي نۆۋەتتە جەنۇبىي كورىيىگە يېتىپ باردى. ئۇ، شىمالىي كورىيەگە قاراتقان ئاگاھلاندۇرۇشىدا شىمالىي كورىيەنى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىدىن دەرھال ۋاز كېچىشكە چاقىرىدى.