ئامېرىكا-شىمالىي كورېيە مەسىلىسىدىكى بېسىم ئارتماقتا

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017.04.20


ئامېرىكا بىلەن شىمالىي كورېيە ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيلىك سەۋەبىدىن شىمالىي كورېيەگە قارىتىلغان دىپلوماتىك بېسىملار كۈچىيىۋاتقان بىر شارائىتتا خىتاينىڭ بۇ مەسىلىدىكى رولىنىڭ ئاجىزلاپ مېڭىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقى بۈگۈن بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، شىمالىي كورېيە مەسىلىسىدە خىتاينىڭ مۇھىم رولى بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ بارا-بارا ئۆز رولىنى يوقىتىپ، ئويۇننىڭ سىرتىدا قېلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھەر دائىم قىلغاندەك ئامېرىكا ۋە شىمالىي كورېيەنى مەسىلىنى دىپلوماتىك سۆھبەت ئارقىلىق تىنچلىق بىلەن ھەل قىلىش چاقىرىقىنى قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇ قېتىم ئامېرىكا ۋە شىمالىي كورېيە مەسىلىسى ئىنتايىن جىددىي بولۇش بىرگە، خىتايغا كېلىۋاتقان بېسىممۇ ھەر ۋاقىتتىكىدىن بەك ئېغىر ئىكەن.

خىتاي شىمالىي كورېيەنى بەزى تەدبىرلەر ئارقىلىق ئاگاھلاندۇرۇپ باققان بولسىمۇ، شىمالىي كورېيە خىتايغا ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمىگەن. شۇنىڭغا ئوخشاش ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپمۇ «ۋاقتى كەلسە بىز خىتايسىزمۇ بۇ ئىشنى بىر تەرەپ قىلىمىز» دېگەنلىكى ئۈچۈن خىتاينىڭ شىمالىي كورېيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا بەك چوڭ رولىمۇ قالمىغان.

چارشەنبە كۈنى يەنە، ئامېرىكىنىڭ ئاۋام پالاتا رەئىسى پائۇل رايىن ئەنگلىيەدىكى زىيارىتى مەزگىلىدە سۆز قىلىپ ئامېرىكىنىڭ شىمالىي كورېيە مەسىلىسىنى ھەل قىلغاندا زۆرۈر تېپىلسا ئۇرۇش قىلىشتىنمۇ يانمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئۇ: «بىر دىكتاتورنىڭ قولىدا بۇنداق بىر كۈچنىڭ بولۇشىغا قاراپ تۇرۇش، بىر مەدەنىيەتلىك دۇنيا قىلىدىغان ئىش ئەمەس. ئەلۋەتتە بىز ئۇرۇش قىلىشنى خالىمايمىز. ئەمما بارلىق ئېھتىماللىقلارنى قوللىنىشتىن يانمايمىز» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكىنىڭ شىمالىي كورېيە مەسىلىسىنى قورال كۈچى ئارقىلىق ھەل قىلىش ئويى خىتايدا ۋە رۇسىيەدە ئەندىشە پەيدا قىلىۋاتقان بولۇپ، بۈگۈن بىر قىسىم ئاخبارات ئورگانلىرى ئۇرۇش ۋە ئۇرۇشتىن كېيىنكى مۇساپىر كرىزىسى ئېھتىماللىقىغا قارشى رۇسىيەنىڭ ئۆزىنىڭ چېگرا رايونلىرىغا 150 مىڭ ئەسكەر يۆتكىگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان، ئەمما بۇ خەۋەر تېخى رۇسىيەنىڭ رەسمىي ئورگانلىرى تەرىپىدىن دەلىللەنمىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.