ئامېرىكىدا شىمالىي كورىيەنى جازالاش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىدىغان يېڭى بىر قانۇن لايىھىسى تونۇشتۇرۇلدى

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى شىمالىي كورىيەنى ئىقتىسادىي جازالاش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىدىغان يېڭى بىر قانۇن لايىھىسى تونۇشتۇرغان.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، بۇ قانۇن لايىھىسىنى ئاۋام پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتى رەھبەرلىرى جۈمە كۈنى ئوتتۇرىغا تاشلىغان.

كومىتېتنىڭ جۇمھۇرىيەتچى ۋە دېموكراتچى ئەزالىرى بىرلىكتە تونۇشتۇرغان مەزكۇر قانۇن لايىھىسى شىمالىي كورىيەگە نۆۋەتتە قويۇلغان جازا تەدبىرلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىكەن.

بۇ قانۇن لايىھىسى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ شىمالىي كورىيەنىڭ يادرو قوراللىرى تەتقىقاتىغا تېخىمۇ يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدىكەن.

قانۇن لايىھىسى جۇمھۇرىيەتچى ئەد روي ۋە دېموكراتچى ئەلىئوت ئەنگەل تەرىپىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، بۇنىڭ رەسمىي قانۇن بولۇپ بېكىتىدىغان ياكى بېكىتىلمەيدىغانلىقى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس ئىكەن.

شىمالىي كورىيە بۇ يىلنىڭ بېشىدا بىر يەر ئاستى يادرو سىنىقى قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، بۇ كورىيە يېرىم ئارىلىنىڭ ۋەزىيەتى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرگەن ۋە ئىككى كورىيە ئۇرۇش ھالىتىگە ئۆتكەن ئىدى.