شىمالى كورېيە ئوتتۇرا مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ باردى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2017.05.14


بېيجىڭدا خىتاي ھۆكۈمىتى «بىر بەلۋاغ بىر يول» خەلقئارالىق ئالى رەھبەرلەر يىغىنىنى باشلىغان يەكشەنبە كۈنى شىمالى كورېيە دائىرىلىرى يەنە بىر قېتىم باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ بارغان.

كۆزەتكۈچىلەر مەزكۇر باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ بىر خىل يېڭى تىپتىكى ئوتتۇرا مۇساپىلىق،باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرگەن.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئامېرىكا ئاق سارايى بايانات ئېلان قىلىپ، «بۇ قېتىمقى سىناقنىڭ بارلىق دۆلەتلەرگە شىمالىي كورېيەگە قارىتا تېخىمۇ كۈچلۈك ئىمبارگو قوللىنىشى ئۈچۈن سىگنال بولۇشى كېرەكلىكىنى»تەكىتلىگەن.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ياپونىيە ۋە جەنۇبىي كورېيە دەرھال نارازىلىق ئىنكاسى قايتۇرۇپ، بۇنىڭ رايون ئۈچۈن زور خەۋپ ئىكەنلىكىنى، يەنى ب د ت نىڭ شىمالى كورېيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا پىلانىغا ئائىت قارارلىرىغا خىلاپ قىلمىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى تومومى ئىنادا يەكشەنبە كۈنى بۇ مەسىلىدە توختىلىپ؛ بۇنىڭ بىر خىل يېڭى تىپتىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا بولۇشى مۇمكىنلىكى، بۇنىڭ قويۇپ بېرىلىپ، 30 مىنۇتتىن كېيىن، يەنى تەخمىنەن 700 كىلومېتىرلىق مۇساپىدىن كېيىن، ياپون دېڭىزغا چۈشكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ،«بۇ خىل تاق يوللۇق باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى دۆلىتىمىز ئۈچۈن ئېغىر تەھدىت» دەپ تەكىتلىگەن.

ئەمما، س ن ن تېلېۋىزىيەسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ قېتىم قويۇپ بېرىلگەن باشقۇرۇلىدىغان بومبا رۇسىيەنىڭ ۋلادىۋوستوك شەھىرىدىن 60 ئىنگىلىز مىلى نېرىغا چۈشكەن بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ ھاۋايى شىتاتىدىكى تىنچ ئوكيان ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر پروفېسسورى مەزكۇر سىناقنىڭ يۆنىلىشنىڭ رۇسىيەگە بەكلا يېقىن بولۇشىنى، «شىمالى كورېيەنىڭ موسكۋا ۋە بېيجىڭغا بىر سىگنال بېرىشكە ئۇرۇنۇشىدىن ئىبارەت» دەپ تەھلىل قىلغان.

رۇسىيە كرېمىل باياناتچىسى بېيجىڭدىكى خەلقئارالىق يىغىندا بولۇۋاتقان پرېزىدېنت پۇتىننىڭ مەزكۇر راكېتا سىنىقىنىڭ ۋەزىيەتنىڭ تېخىمۇ جىدىدىيلەشتۈرىۋېتىشىدىن ئەندىشە قىلغانلىقىنى ئېتيقان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بولسا، خىتاينىڭ پيوڭياڭنىڭ ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىڭ ھەر قايسى قارارلىرىغا خىلاپلىق قىلىشىغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.