جەنۇبىي كورىيە دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شىمالىي كورىيە شەنبە كۈنى 3 دانە قىسقا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلغان. شىمالىي كورىيە ئىلگىرىمۇ شۇ خىلدىكى بومبىلارنى كۆپ قېتىم سىناق قىلغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن مەزكۇر رايوندىكى دىپلوماتىك جىددىيلىك تېخى پەسەيمىگەن بىر پەيتتە بۇ بومبىلارنى سىناق قىلغانلىقى مەلۇم ئەمەس ئىكەن.
جەنۇبىي كورىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شىمالىي كورىيە شەنبە كۈنى ئەتىگەندە ئىككى دانە، چۈشتىن كېيىن بىر دانە قىسقا مۇساپىلىك بومبا سىناق قىلغان.
بومبىلار شىمالىي كورىيەنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىن قويۇپ بېرىلگەن.
بۇ يىلنىڭ بېشىدا شىمالىي كورىيە يەر ئاستى يادرو سىنىقى قىلغاندىن كېيىن، ب د ت شىمالىي كورىيەگە قارىتىلغان ئىقتىسادىي جازا تەدبىرلىرىنى كۈچەيتكەن.
شۇ ئارىلىقتا، شىمالىي كورىيە ئامېرىكا ۋە جەنۇبىي كورىيە بىرلىكتە ئۆتكۈزىدىغان يىللىق مانېۋىرغا تەھدىت سېلىپ، ئەگەر بۇ مانېۋىر ئۆتكۈزۈلسە سېئۇل ۋە ۋاشىنگتونغا يادرو بومبا ھۇجۇمى قوزغايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكا ئارقىدىن ئىلغار تىپتىكى كۈرەشچى ئايروپىلانلارنى جەنۇبىي كورىيىگە يۆتكىگەن.
كېيىن تەرەپلەر ئارىسىدىكى جىددىيلىك سەل پەسەيگەن بولسىمۇ، كورىيە يېرىم ئارىلىنىڭ ۋەزىيىتى يەنىلا جىددىي ھالەتنى ساقلاپ كەلمەكتە ئىدى.