شىمالىي كورىيە يەنە راكېتا قويۇپ بەردى

5 - ئاينىڭ 19 - كۈنى شىمالىي كورىيە يەنە بىر قېتىم باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەرگەن بولۇپ، بۇ ئىككى كۈن ئىچىدە تۆت قېتىم باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىشىدۇر.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شەنبە كۈنى شىمالىي كورىيە 3 باشقۇرىلىدىغان بومبا قويۇپ بەرگەن ئىدى.

پىيوڭياڭنىڭ بۇ قىلمىشى خەلقارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلغان بولۇپ، موسكاۋادا زىيارەتتە بولۇۋاتقان ب د ت باش سېكرېتارى بان كىمون بۇ ئىشتىن ناھايىتى بىئارام بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بانكىمون يەنە رۇسىيىدىن پىيوڭياڭنى سۆھبەت ئۈستىلىگە كېلىش جەھەتتە بېسىم قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

يەكشەنبە كۈن قويۇپ بەرگەن راكېتا قىسقا مۇساپىلىق بولۇپ، 160 كىلومېتىرغا يېتىپ بارالايدۇ. بۇنىڭغا نىسبەتەن جەنۇبىي كورىيە، ياپونىيە قاتارلىق ئەللەر دىققەت قىلغان.