شىمالىي كورىيە بىر نەپەر ئامېرىكا پۇقراسىغا 15 يىللىق ئېغىر ئەمگەك جازاسى بەردى

بۈگۈن شىمالىي كورىيە دائىرىلىرى بىر نەپەر ئامېرىكا پۇقراسىغا شىمالىي كورىيىگە قارشى ھەرىكەت قىلدى، دېگەن جىنايەتنى بېكىتىپ، 15 يىللىق ئېغىر ئەمگەك جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى. ئەسلى كورىيىلىك بولغان ئامېرىكا ۋەتەندىشى پىيۈنخو ئۆتكەن يىلى 11 - ئايدا شىمالىي كورىيىگە ساياھەتكە بارغاندا قولغا ئېلىنغان.

بۈگۈن ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، شىمالىي كورىيىنى ئامېرىكا پۇقراسىنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە چاقىردى.

ب ب س نىڭ ئېيتىشىچە، جەنۇبىي كورىيە دائىرىلىرى «پىيۇنخو شىمالىي كورىيىدىكى ئاچارچىلىقنى يورۇتۇپ بېرىدىغان كۆرۈنۈشلەرنى، بولۇپمۇ ئاچلىقتا قالغان بالىلارنى رەسىمگە ئالغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان بولۇشى مۇمكىن» دەپ قارايدىكەن.

ب د ت نىڭ تېخى يېقىندىلا شىمالىي كورىيىگە قويۇلغان جازا تەدبىرلىرىنى ئاشۇرۇشى ۋە شۇنداقلا ئامېرىكا - جەنۇبىي كورىيە ئىككى دۆلەتنىڭ بىرلىكتە ھەربىي مانېۋىرلارنى ئۆتكۈزۈشى شىمالىي كورىيە دائىرىلىرىنى بىئارام قىلغان ئىدى. ب ب س نىڭ ئېيتىشىچە، كۆزەتكۈچىلەر شىمالىي كورىيە بۇ ئامېرىكا پۇقراسىنى ئامېرىكىغا بېسىم قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىشى مۇمكىن، دەپ قارايدىكەن.