شىمالىي كورىيە شەنبە كۈنى جەنۇبىي كورىيەگە قارشى ئۇرۇش ھالىتىگە ئۆتكەنلىكى جاكارلىدى.
شىمالىي كورىيە يەنە ۋاشىنگتون ۋە سېئۇل دائىرىلىرىگە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، ۋەزىيەتنى يەنە ئۆتكۈرلەشتۈرۈشنىڭ يادرو توقۇنۇشى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
پيوڭياڭ دائىرىلىرى شىمالىي كورىيە مەركىزىي خەۋەر ئاگېنتلىقى ئارقىلىق ئېلان قىلغان باياناتىدا: كورىيە يېرىم ئارىلىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان ئۇرۇش دېسە ئۇرۇش ئەمەس؛ تىنچلىق دېسە تىنچلىق ئەمەس ھالىتىگە ئەمدى خاتىمە بېرىلدى، دېدى ۋە «ئامېرىكا ياكى جەنۇبىي كورىيە شىمالىي كورىيەنىڭ چىشىغا تېگىۋەرسە» بۇنىڭ يادرو ئۇرۇشى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى بىلدۈردى.
شىمالىي كورىيەنىڭ 12 - فېۋرال بىر يەر ئاستى يادرو سىنىقى قىلغانلىقى دەلىللەنگەندىن كېيىن، ئامېرىكا قاتارلىق غەرب ئەللىرى شىمالىي كورىيەگە قارىتىلغان ئېمبارگونى يەنە كۈچەيتىش چاقىرىقى ئېلان قىلغان ئىدى.
شىمالىي كورىيەمۇ بۇنىڭغا قاتتىق ئىنكاس قايتۇرۇپ، بۇ ئاينىڭ بېشىدا 53 - يىلدىكى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى بىكار قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.