«شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى» دا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى باشقۇرۇش تېخىمۇ كۈچەيتىلىدىكەن

«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى يېقىندا ئېچىلغان «ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى» نىڭ ئۆتكەن بىر يىللىق ئەھۋالىنى خۇلاسىلەش يىغىنىدا، خىتاي ئۆلكىلىرىدە تەسىس قىلىنغان «شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى» غا قارىتا باشقۇرۇش ۋە سىياسىي تەربىيىنى كۈچەيتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئاساسىنى مۇستەھكەملەشنى تەلەپ قىلغان.

دائىرىلەر بۇنىڭ ئۈچۈن مەخسۇس «2020-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئىچكىرىدىكى شىنجاڭلىق ئاز سانلىق مىللەت ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيىلەش پىلانى» دەپ ئاتالغان بىر پىلاننى تۈزۈپ چىققان بولۇپ، خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، يۇقىرىدىكى بۇ پىلانغا ئاساسەن «شىنجاڭ سىنىپلىرى» غا قارىتا مائارىپ تەربىيىسى ۋە دەرسلىك ئىسلاھاتى ئەپ بېرىلىدىكەن ھەم بۇ ئارقىلىق مەزكۇر تولۇق ئوتتۇرا سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىنى تەربىيىلەش ۋە باشقۇرۇش خىزمىتى يەنىمۇ كۈچەيتىدىكەن.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، دەرسلىك ئىسلاھاتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي تەشۋىقاتلىرىنىڭ دەرسلىكلەرگىمۇ كىرگۈزۈلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. «شىنجاڭ سىنىپلىرى» غا قارىتىلغان سىياسىي تەربىيىنى كۈچەيتىش مەسىلىسى ئۆتكەن يىللاردا گۇاڭجۇ ۋە چاڭچۈن شەھەرلىرىدىكى «شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى»دا ئوقۇۋاتقان بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ «تېررورلۇق تەشكىلاتى» غا ئەزا بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن كۈچىيىپ كەتكەنلىكى مەلۇم. دائىرىلەر ئىلگىرى بۇ ھەقتە چىقارغان يوليورۇقلىرىدا، دىننىڭ مەكتەپلەرگە سىڭىپ كىرىشىنى قەتئىي توسۇش، رادىكاللىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش، «شىنجاڭ سىنىپلىرى» دا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا پارتىيىنىڭ مىللەتلەر ۋە دىن سىياسىتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەم قانۇن-تۈزۈم تەربىيىسىنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.