ئىندىئانا شىتاتى تېررې خاۋتې شەھىرىدىكى روز-خۇلمان تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ خىتاي تەتقىقاتى پروفېسسورى تىموسى گروسنىڭ «خىتايدىكى سۈلھى قېلىنىۋاتقان ئايرىلالماسلىق: شىنجاڭ سىنىپى ۋە ئۇيغۇر كىملكىنىڭ ھەرىكەتچانلىقى» ناملىق كىتابى خوڭكوڭ ئۇنىۋېرسىتىتى نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىندى.
2000-يىلى ختاي ھۆكۈمىتى ئاتالمىش «شىنجاڭ سىنىپى» غا مۇناسىۋەتلىك ئىككى مۇھىم ھۆججەت، يەنى مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ «شىنجاڭ سىنىپى خىزمەت يىغىنى خۇلاسىسى» بىلەن «شىنجاڭ سىنىپىنىڭ مەمۇرىي تەرتىپى» دىن ئىبارەت ئىككى ھۆججەتنى تەييارلىغان ئىدى.
مەزكۇر ھۆججەتتە ئاتالمىش «شىنجاڭ سىنىپى» نىڭ «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىمى ھىمايە قىلىدىغان، خىتاينى سۆيىدىغان، سوتسىيالىزمنى سۆيىدىغان، خىتاينىڭ بىرلىكىنى قوغدايدىغان بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ياشلىرىنى تەربىيەلەپ چىقىش» تىن ئىبارەت تۈپ مەقسىتى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى.
تىموسى گىروس يېقىندا نەشىر قىلىنغان بۇ كىتابىدا خىتاينىڭ «شىنجاڭ سىنىپى» مائارىپ پىلانىنىڭ مەغلۇب بولغانلىقىنى ئىنچىكە تەكشۈرۈشلەر ۋە ھۆججەتلىك ماتېرىياللارغا تاينىپ تۇرۇپ ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ كىتابىدا كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ «شىنجاڭ سىنىپى» نى ياقتۇرمايدىغانلىقىنى، بۇ سىنىپلاردا ئوقۇش جەريانىدا خىتاي چوت سوققاندەك ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ «كاللىسىنىڭ يۇيۇلمىغانلىقى» نى، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ مەكتەبلەرنى تۈرمىگە ئوخشىتىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان.