«خىتاي خەۋەرلىرى تورى» ۋە شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەرلىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ يىل ئۇيغۇرلار دىيارىدىن تاللانغان 13 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى «شىنجاڭ سىنىپى» غا ئوقۇشقا ئەۋەتىلىش ئالدىدا تۇرۇۋېتىپتۇ.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئوقۇغۇچىلاردىن ئون مىڭغا يېقىن كىشى خىتاي ئۆلكىلىرىدە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلىرىدە ئوقۇيدىكەن. خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى 90 نەچچە تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىدە بۇ خىلدىكى «شىنجاڭ سىنىپى» بار بولۇپ، ئۇلار مەخسۇس ئۇيغۇرلار دىيارىدىن تاللاپ ئەۋەتىلگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئوقۇتىدىكەن. خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئاقسۇ، خوتەن، قەشقەر ۋە قىزىلسۇ ئوبلاستىدىن تاللانغان ئىكەن.
خىتاي ئۆلكىلىرىدە «شىنجاڭ سىنىپى» تەسىس قىلىنغان 17 يىلدىن بۇيان 90 مىڭدىن كۆپرەك ئوقۇغۇچى بۇ سىنىپلاردا ئوقۇغان بولۇپ، ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ۋەزىيەتنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقانلار بۇنى «خىتاي ھۆكۈمىتى يولغا قويۇۋاتقان ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ مېڭىسىنى يۇيۇش ھەرىكىتىنىڭ بىر مۇھىم باسقۇچى» دەپ قارىماقتا.