خىتاي دائىرىلىرى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى «شىنجاڭ سىنىپلىرى» دا ئوقۇۋاتقان بالىلارغا قارىتىلغان سىياسىي تەربىيىنى كۈچەيتمەكتە.
خەلق تورىدىن بېرىلگەن خەۋەردىن قارىغاندا، يېقىندا خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيىۋى سىياسىي تەربىيە خىزمىتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، مائارىپ مىنىستىرلىقى مىللىي مائارىپ مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ كومىتېتى ۋە مائارىپ نازارىتى بىرلىكتە مەخسۇس ھەرقايسى ئۆلكىلەردە ئوقۇۋاتقان «شىنجاڭ سىنىپى» ئوقۇغۇچىلىرىغا «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» تەربىيىسى بېرىش ئۈچۈن بىر ئۆمەك تەشكىللىگەن. بۇ ئۆمەك ئالدى بىلەن خېنەنگە يېتىپ بېرىپ ئۇ يەردىكى «شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي سىنىپلىرى» ۋە ئالاقىدار ئالىي مەكتەپلەردە تەشۋىق قىلىش، تەكشۈرۈش خىزمىتىنى باشلىغان.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى بۇ يىل ئۆكتەبىردە ئۈرۈمچىدە «شىنجاڭ سىنىپلىرىنىڭ ئەخلاق ۋە سىياسىي ئىدىيە مائارىپى تەربىيىلەش كۇرسى» نى ئېچىپ، «شىنجاڭ سىنىپى» ئوقۇغۇچىلىرىغا قارىتىلغان سىياسىي ئىدىيىۋى تەربىيىنى كۈچەيتىشنى، بولۇپمۇ دىننىڭ مەكتەپلەرگە سىڭىپ كىرىشىنى قەتئىي توسۇش، رادىكاللىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تەلەپ قىلغان شۇنداقلا 3000 نەپەر ئوقۇتقۇچىنى تەشكىللەپ «شىنجاڭ سىنىپى» ئوقۇغۇچىلىرىنى نازارەت قىلىشقا ئەۋەتكەن ئىدى.
دائىرىلەرنىڭ «شىنجاڭ سىنىپى» ئوقۇغۇچىلىرىغا قارىتىلغان باشقۇرۇش، تەشۋىقات ھەرىكىتىنى تۇيۇقسىز جىددىيلەشتۈرۈشى دىققەت قوزغىدى. كۆزەتكۈچىلەر بۇنىڭ سەۋەبى ھەققىدە، بۇ يىل 6-ئايدا گۇاڭجۇ شەھەرلىك 75-ئوتتۇرا مەكتەپتىكى «شىنجاڭ سىنىپى» نىڭ 10 نەپەر ئوقۇغۇچىسىنىڭ «تېررورلۇق» قا چېتىلىپ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ۋە شۇنىڭدەك باشقا ۋەقەلەرنى نەزەردە تۇتقاندا، «شىنجاڭ سىنىپى» ئوقۇغۇچىلىرىدىكى ئومۇمىي كەيپىياتنىڭ ھۆكۈمەت ئارزۇ قىلغاندەك بولمىغانلىقىنى مۆلچەرلىمەكتە.