خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ «شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى» 6 قانۇن ۋە 106 تەكلىپ لايىھەسى تاپشۇرۇۋالغان

خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 14-نۆۋەتلىك 2-ئومۇمى يىغىنى ھارپىسىدا، 4-مارت كۈنى «شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى» نىڭ باياناتچىسى بېيجىڭدا ئاخبارات يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئاتالمىش «شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى» نىڭ بۇ نۆۋەتلىك قۇرۇلتايدا ئوتتۇرىغا قويىدىغان 6 قانۇن لايىھەسى ۋە 106 تەكلىپ پىكىر تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىن «تەڭرىتاغ» نىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، «شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى» نىڭ باياناتچىسى جاۋ جياڭتاۋ بۇ 6 قانۇن لايىھەسى ۋە 106 تەكلىپ پىكىرنىڭ نۇقتىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش، قانۇنى تۈزۈش ياكى ئۇنىڭغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش، ئەركىن سودا سىناق رايونى قانۇنى قاتارلىق مەسىلىلەرگە چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ قانۇن لايىھەسى ۋە تەكلىپ پىكىرلەرنىڭ كونكرېت مەزمۇنلىرىغا چۈشەنچە بەرمىگەن.

خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئىلگىرىكى مەملىكەتلىك يىغىنلىرىدا ئاتالمىش «شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى» نىڭ قۇرۇلتايغا بەرگەن قانۇن لايىھەلىرى ۋە تەكلىپ پىكىرلىرىنىڭ نۇقتىلىق ئۇيغۇر دىيارىدا «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئېڭى» بەرپا قىلىش، خىتاي تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە دۆلەت ھامىيلىقىدىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش پىروگراممىلىرىنى قانۇنلاشتۇرۇشقا مەركەزلەشكەنلىكى مەلۇم. ھالبۇكى، بۇ سىياسەتلەر ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە بەزى غەرب پارلامېنتلىرى تەرىپىدىن «ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ پارچىسى» دەپ قارىلىپ كەلگەن، شۇنداقلا دۆلەت ھامىيلىقىدىكى ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش پىروگراممىسى مەجبۇرىي ئەمگەك، دەپ بېكىتىلىپ، ئۇيغۇرلار ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلار چەكلەنگەن ياكى بايقۇت قىلىنىپ كېلىنگەنىدى. جاۋ جياڭتاۋنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ بۇ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىنىڭ «شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى» 60 ۋەكىلدىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، خىتاي، ئۇيغۇر، قازاق، تۇڭگان، موڭغۇل، شىۋە، ئۆزبېك، تاتار، رۇس قاتارلىق 11 مىللەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغانىكەن. ھالبۇكى، خىتاينىڭ ھۆكۈمەت سانلىق مەلۇماتلىرىدا ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر دىيارى نوپۇسىنىڭ تەخمىنەن %48 نى تەشكىل قىلغان دېيىلسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ 60 كىشىلىك «شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى» نىڭ ئاران 3 دىن 1 قىسمىنى تەشكىل قىلىشى دىققەت قوزغىماقتا. خىتاينىڭ 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇنىدا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەر دەرىجىلىك ھاكىمىيەت ئورگانلىرىدىكى نۇرغۇن ئۇيغۇر كادىرلىرىنىڭ «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ تازىلانغانلىقى مەلۇم.