خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 16-ئۆكتەبىردىن بېرى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان 20-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىغا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نامىدىن قاتنىشىۋاتقان «شىنجاڭ ۋەكىللىرى» نىڭ بەرگەن تەكلىپ پىكىرلىرىنىڭ ئاساسىي نۇقتىسى، ئۇيغۇر ئېلىدە «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئېڭى» ۋە «خىتاي روھىي» بەرپا قىلىشقا قارىتىلىشى دىققەت قوزغىدى. ئۇيغۇر رايونى ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان چەتئەلدىكى ئانالىزچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، قۇرۇلتايدىكى «شىنجاڭ ۋەكىللىرى» نىڭ سۆزلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى «مەدەنىيەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش» نامىدا ئومۇمى يۈزلۈك خىتايچىلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت تۈپ ئىستراتېگىيەسىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.
ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى، خىتاي كومپارتىيەسى 20-قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى ۋاڭ گاڭنىڭ 17-ئۆكتەبىر قىلغان سۆزىمۇ «جۇڭخۇا مەدەنىيىتى» نى ئېتىراپ قىلىش ھەققىدە بولغان. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، «مەدەنىيەت جەھەتتىن ئېتىراپ قىلىش ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىق ئېتىراپ قىلىش ھېسابلىنىدىكەن».
«ئاقسۇ بىرلەشمە ئاخبارات مەركىزى» نىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، ۋاڭ گاڭ بېيجىڭدىكى قۇرۇلتاي ئارىلىقىدا خىتاي تاراتقۇلىرىغا سۆز قىلىپ، بۇنىڭدىن كېيىن ئاقسۇدا يۈرگۈزۈلىدىغان سىياسىتىنىڭ ئاساسى نۇقتىلىرىنى شەرھلىگەن.
ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئاقسۇ ۋىلايىتى ‹خىتاي قەلبى›، ‹خىتاي روھىي›نى بەرپا قىلىشنى تۇتقا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ۋىلايەت، ناھىيە ۋە يېزا-بازارلارنىڭ ئۈچ دەرىجىلىك ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ. شىنجاڭنى مەدەنىيەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇشنىڭ ‹10 چوڭ ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى› نى ئىزچىللاشتۇرىدۇ……تارىخىي مىراسلارنى، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرىدىكى خىتاي مەدەنىيىتىگە ئائىت مەزمۇنلارنى تېخىمۇ چوڭقۇر قېزىپ چىقىرىپ، مەدەنىيەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇشتىكى رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ».
ۋاڭ گاڭنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىدە «جۇڭخۇا مىللىتى ئۈچۈن تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ ئورتاق مەنىۋى ماكان بەرپا قىلىنىدىكەن». چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىدا شى جىنپىڭنىڭ قايتا ھوقۇق تۇتۇشى مۇقىملاشقان بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ «يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى باشقۇرۇش ئىستراتېگىيەسى» دە ئۆزگىرىش بولمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.