خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى «ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار» نىڭ ئاتالمىش «ئاشقۇنلۇق» قا قارشى كۈرەشتە يېتەكچى كۈچ بولۇشىنى تەلەپ قىلغان.
ئۇ بۇ سۆزلەرنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە كەلگەندە دېگەن.
ئۇ 28-سېنتەبىر كۈنى قەشقەر ۋە يەكەنلەردە نەق مەيدان زىيارىتىدە بولغان. قەشقەردىكى ھېيتگاھ جامەسىنى زىيارەت قىلغان. ئۇ قەشقەردىكى خىتاي ئەسكەرلىرىگە سۆزلىگەن سۆزىدە مۇنۇلارنى تەكىتلىگەن: «جەنۇبىي شىنجاڭ بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشتىكى ئاساسلىق جەڭ مەيدانى.»
يۈ جېڭشېڭ يەكەننى زىيارەت قىلغان مەزگىلدە ئالدى بىلەن ئېلىشقۇ يېزىسىغا بارغان. ئاندىن خىتاي ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ يەكەندە تۇرۇشلۇق 3-دىۋىزىيەسىنى زىيارەت قىلغان.
مەلۇمكى، يۈ جېڭشېڭ خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىدىكى 4-نومۇرلۇق شەخس. ئۇ خىتاي سىياسىي كېڭىشىنىڭ رەئىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن خىتايدىكى دىنىي ئىشلار بىلەن مىللەتلەر مەسىلىسىگە مەسئۇل ئەڭ ئالىي ئەمەلدار ھېسابلىنىدۇ.
كۆزەتكۈچىلەر، يۈ جېڭشېڭنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئىسلام ئىنستىتۇتىنى، قەشقەردىكى ھېيتگاھ جامەسىنى ۋە يەكەندىكى ئېلىشقۇ يېزىسىنى مەخسۇس زىيارەت قىلىشى ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلى زىيارىتىدىكى سىياسىي ئىستراتېگىيەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دەپ قارىماقتا.