خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمەت ۋەكىللىرى ھەر قايسى جايلاردىكى پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا

خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي كېڭەش رەئىسى يۈ جېڭشېڭ باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن گۇرۇپپىلارغا بۆلىنىپ، ھەر قايسى ۋىلايەت، ناھىيە ۋە يېزىلاردا نۇقتىلىق زىيارەت پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ مەخسۇس «شىنجاڭ خىزمىتى» گە مەسئۇل قىلىنغان سىياسىي بيۇرو دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى يۈ جېڭشېن ۋە مۇئاۋىن باش مىنىستىر ليۇ يەندۇڭ قاتارلىقلار، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۇيغۇرلار زىچ جايلاشقان ھەمدە ئىلگىرى بىر قاتار توقۇنۇش ۋەقەلىرى يۈز بېرىپ، مۇقىمسىز رايونلار دەپ قارىلىۋاتقان قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ قاتارلىق ۋىلايەتلەردىكى زىيارەتلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 29-، 30-سېنتەبىر كۈنلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىمالدىكى ئىلى ۋە ئالتايلاردا ئاساسلىقى قازاقلار بىلەن ئۇچرىشىشلار ئېلىپ بارغان.

شىنخۇا تورىنىڭ سۈرەتلىك خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ليۇ يەندۇڭ ئاپتونوم رايون رەئىسى شۆھرەت زاكىرنىڭ ھەمراھلىقىدا غۇلجا شەھىرىدىكى خەنبىڭ يېزىسى قاتارلىق جايلاردا زىيارەتتە بولغان. يۈ جېڭشېڭ ئالتايدا زىيارەتتە بولغاندا ئۇنىڭغا قازاقلارنىڭ مىللىي تونى ۋە قازاق قالپىقى كىيدۈرۈلگەن. ئۇنىڭ قازاقچە كىيىنىپ، قازاق چارۋىچى بالىلىرىنى قوللىرىدىن يېتىلەپ تۇرغان خۇشال-خۇرام كەيپىياتى تەشۋىقات ئوبيېكتى قىلىنغان.

نۆۋەتتە، ئۇيغۇر ئېلىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى ۋە بۇ 60 يىلدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر ۋە تەرەققىياتلار ئەمەلگە ئاشۇرۇلغانلىقى تېما قىلىنغان تەشۋىقات ۋە خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى كەڭ كۆلەمدە ئېلىپ بېرىلماقتا. بىراق، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بولسا، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغان 10-ئاينىڭ بىرىنچى كۈنىنى ئۇيغۇرلارنىڭ «ماتەم كۈنى» قىلىپ بېكىتىپ، نارازىلىق نامايىشى ۋە باشقا ھەر خىل پائالىيەتلىرى ئېلىپ بارماقتا. 30-سېنتەبىر كۈنى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىلدىكى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى.