«شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» نىڭ روھىنى يېزىلارغىچە ئومۇملاشتۇرۇش تەكىتلەندى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020.10.13

يېقىندا بېيجىڭدا ئېچىلغان «ئۈچىنچى قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنى» دا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ «ئۆتكەن بىر نەچچە يىلدا شىنجاڭدىكى خىزمەتلەر زور ئۇتۇققا ئېرىشتى. بۇندىن كېيىن بۇ خىزمەت ئىزچىل داۋام قىلىدۇ» دېگەن مەزمۇندا خۇلاسە چىقارغانىدى. ئەمدىلىكتە بۇ يىغىننىڭ روھىنى ئۈرۈمچىدىن خوتەننىڭ ئەڭ چەت يېزىلىرىغىچە يەتكۈزۈش بىر تۈرلۈك سىياسىي ۋەزىپە سۈپىتىدە باشلانغان.

«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 13-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۈرۈمچىدە مەزكۇر يىغىننىڭ روھىنى تەشۋىق قىلىش چوڭ يىغىنى ئېچىلغان. يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ «شىنجاڭ خىزمىتى ھەققىدىكى يوليورۇقلىرىنى تەۋرەنمەستىن ئىجرا قىلىش» ھەمدە شۇ ئارقىلىق ئۇزاق مەزگىللىك ئەمىنلىكنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش چاقىرىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. شۇنداقلا بۇنىڭ بىر تۈرلۈك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.

مۇھاجىرەتتىكى ئانالىزچىلار بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دىيارىدا ئىجرا بولۇۋاتقان بارلىق تەدبىرلەرنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ھەققىدىكى تەشۋىقاتنى يېزىلارغىچە ئومۇملاشتۇرۇش ھەرىكىتى ماھىيەتتە تۆۋەندىكى ئاۋام پۇقرالارغا بۇنىڭدىن كېيىن ئىجرا بولىدىغان تېخىمۇ قاتتىق كونتروللۇق تەدبىرلىرىگە مۇتلەق ئىتائەت قىلىشنى بۇيرۇغانلىق، دېدى. شۇنىڭدەك بۇنىڭ ئوبېكتى ئەمەلىيەتتە يەنىلا لاگېر تېشىدىكى ئۇيغۇرلار بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.