«59-قېتىملىق شىنجاڭ ئاخبارات يىغىنى» دا خىتاي دائىرىلىرى بايدېن ھۆكۈمىتىنى «ترامپنىڭ مىراسىغا ۋارىسلىق قىلدى» دەپ ئەيىبلىگەن

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلىق ھۆكۈمەت 28-ئۆكتەبىر كۈنى بېيجىڭدا «شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر بويىچە 59-قېتىملىق ئاخبارات يىغىنى» نى ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ۋە لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىنكار قىلىشقا ئۇرۇنغان.

ئاخبارات يىغىنىغا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى شۈ گۈيشياڭ رىياسەتچىلىك قىلغان بولۇپ، مەزكۇر يىغىندا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى، ئاتالمىش «قايتا تەربىيەلەش» نى تاماملاپ خىزمەتكە ئورۇنلاشقانلار ۋە «ئىگىلىك تىكلىگۈچى» لەردىن بولۇپ، 10 نەپەر كىشى سۆز قىلغان.

شۈ گۈيشىياڭ مۇنداق دېگەن: «يېقىندا ئامېرىكا رەھبەرلىرى شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك يالغان گەپ-سۆزلەرنى قىلىپ، ‹ئۇيغۇرلار مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتىدۇ›، ‹ئۇلارغا زۇلۇم قىلىنىۋاتىدۇ› دېدى. بىز ئامېرىكانى قاتتىق ئەيىبلەيمىز ۋە بۇ خىل گەپ-سۆزلەرگە قەتئىي قارشى تۇرىمىز.»

ئۇ يەنە مۇنداق دەپ جار سالغان: «شىنجاڭنىڭ ئىشلىرى خىتاينىڭ ئىچكىي ئىشى، ئامېرىكا دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئۇنى تەنقىد قىلىش ھوقۇقى يوق. ​​شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ھەرگىزمۇ مىللىي، دىنىي ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئەمەس. . . ئامېرىكا دۆلەت رەھبەرلىرى بۇنىڭغا كۆز يۇمدى، ئۇلار ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ مىراسىغا ۋارىسلىق قىلىپ، شىنجاڭدا ‹مەجبۇرىي ئەمگەك› ۋە ‹كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش› مەۋجۇت دېگەندەك يالغانچىلىقلارنى تارقاتتى.»

ئاخبارات يىغىنىدا سەھنىگە ئېلىپ چىقىلغان ئاتالمىش «مۇتەخەسسىس»، «ئىگىلىك تىكلىگۇچى» ۋە زاۋۇت ئىشچىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ئارقا-ئارقىدىن سۆز قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ تامامەن ئەركىن-ئازادە مۇھىتتا ئىشلەيدىغانلىقى، زاۋۇتلاردا خىزمەتكە ئورۇنلاشقاندىن بۇيان يانچۇقلىرىنىڭ تومپايغانلىقى، «قايتا تەربىيە» سايىسىدە نۇرغۇن ماھارەتلەرنى ئۆگىنىۋالغانلىقى توغرىلىق لاپ ئۇرغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى بېيجىڭ ۋە ئۈرۈمچىدە توختىماستىن ئاتالمىش «ئاخبارات يىغىنى» ئېچىپ، خەلقئارانىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە خىتايغا قاراتقان تەنقىدلىرىنى تامامەن ئىنكار قىلىش شەكلى بىلەن جاۋاب قايتۇرۇپ كەلمەكتە. كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ بۇ قېتىملىق ئاخبارات يىغىنىنى، يېقىندا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئالاھىدە يىغىنىدا جەمئىي 43 دۆلەت خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئەيىبلەپ بايانات بەرگەندىن كېيىنكى ئىنكاسىدۇر، دەپ قارىماقتا.