خىتاي دائىرىلىرى خوتەندە «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمەت يىغىنى» ئېچىپ، يېڭى نىشانلىرىنى تەكىتلىدى

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى باستۇرۇش سىياسىتى خەلقئارانىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە دۇچ كېلىۋاتقاندا خوتەن شەھىرىدە «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش يىغىنى» نىڭ ئېچىلىشى دىققەت قوزغىدى.

«تەڭرىتاغ» تورىنىڭ 16-ئىيۇلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، 14-16-ئىيۇلغىچە ئېچىلغان مەزكۇر يىغىندا خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ دائىمىي ئەزاسى ۋاڭ ياڭ «شىنجاڭغا ياردەم خىزمىتى» بويىچە «رايوندىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆز-ئارا ئارىلىشىشى، پىكىر ئالماشتۇرۇشى ۋە بىرىكىشىنى تېزلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان.

ئۇ يەنە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى يەرلىك مىللەتلەرنىڭ «ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بېرىپ يۇغۇرۇلۇشى ۋە راۋاجلىنىشى ئىلگىرى سۈرۈش» نى ھەم بىڭتۈەننىڭ جەنۇبتا تېخىمۇ كېڭىيىشىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. ئۇيغۇر تەھلىلچىلىرى ۋاڭ ياڭنىڭ بۇ سۆزىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇرلارنى كۆپلەپ ئىچكىرى خىتايغا ئەۋەتىپ، ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇلارنى خىتاي جەمئىيىتىگە سىڭدۈرۈشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

يىغىندا سۆز قىلغانلارنىڭ ئىچىدە گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى جاڭ خۇ «شىنجاڭغا ياردەم قىلىش» خىزمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەمئىيەت ئامانلىقى ۋە «ئەبەدىي» ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى 19 ئۆلكىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى پائالىيەتلىرىنى «شىنجاڭدىكى خەلقنىڭ كەمبىغەلچىلىكتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىش، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش» دەپ تەرىپلىمەكتە، ئەمما ئۇيغۇرلار بولسا، بۇنى «شىنجاڭنىڭ بايلىقلىرى ۋە ئەمگەك كۈچلىرىنى 19 ئۆلكىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئايرىم-ئايرىم ئىگىلىۋېلىش» دەپ قارىماقتا.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۇيغۇرلارنى ئاتالمىش «يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى» نامىدا خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە يۆتكىشى كۆپ يىللاردىن بۇيان داۋاملاشماقتا ئىدى. ۋاڭ ياڭنىڭ سۆزلىرى بۇ ئەھۋالنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كۈچەيتىلىدىغانلىقىدىن سىگنال بېرىدىكەن. ئەمدىلىكتە «شىنجاڭغا ياردەم خىزمەت يىغىنى» نىڭ بۇ قېتىم خوتەندە ئېچىلىشى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

بۇ قېتىمقى خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش يىغىنى» ئىككى مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك مىللەتلەرنىڭ لاگېرلارغا سولىنىپ، ئۇيغۇرلارغا قارىتا مەدەنىيەت، تىل ۋە مائارىپ جەھەتتىن خىتايچىلاشتۇرۇش كۈچەيتىلىۋاتقان، ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۇقىرى تېخنىكىلىق قاتتىق نازارەت سىستېمىسى يۈرگۈزۈلۈۋاتقان، ئەمما خىتاينىڭ بۇ قىلمىشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىگە ئۇچراۋاتقان بىر پەيتتە ئېچىلدى.

ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلىرى مەزكۇر يىغىندا دېيىلگەن مەزمۇنلارغا ئاساسەن، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن نىشانىنى ئاساسلىقى جەنۇبتىكى ۋىلايەتلەرگە قارىتىپ، بۇ رايوندىكى ئۇيغۇرلارنى نوپۇس جەھەتتە شالاڭلاشتۇرۇش، تىل ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە خىتايلاشتۇرۇش، بۇ رايونلارغا بولسا تېخىمۇ كۆپ خىتاي ئاھالىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا.