ئەل-جەزىرە: خىتاينىڭ دوستانە ئاخبارات ۋە دىپلوماتلارنى نىشان قىلغان «شىنجاڭ ھېكايىسى» گە ھەممىلا كىشى قايىل بولۇپ كەتمىگەن

خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا ۋە بەزى غەرب پارلامېنتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشىغا تاقابىل تۇرۇشتا «شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش» ھەرىكىتى باشلاپ، ئۆزلىرىگە دوستانە، دەپ قارىغان چەتئەل ئاخباراتى ۋە دىپلوماتلىرىنى ئارقا-ئارقىدىن ئۇيغۇر رايونىدا زىيارەتتە بولۇشقا ئۇيۇشتۇرۇپ كېلىۋاتقانىدى.

لېكىن قاتاردىكى ئەل-جەزىرە قانىلىنىڭ 2-يانۋار ئېلان قىلغان خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ «شىنجاڭ ھېكايىسىنى سۆزلەش» ھەرىكىتى دوستانە ئاخبارات ۋە دىپلوماتلارنى نىشان قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ھەرىكىتى دائىم ئۇنىڭ كۈتكىنىدەك نەتىجە بەرمىگەن، ئۇنىڭغا ھەممىلا كىشى قايىل بولۇپ كەتمىگەن. ماقالىدا، ئالبان مىللىتىدىن بولغان كانادالىق تارىخشۇناس ۋە ژۇرنالىست ئولسى يازىجىنىڭ ئىلگىرى ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە دائىر خەۋەرلەرنى غەربنىڭ يالغانچىلىقى، دەپ قارايدىغان كىشىلەردىن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ 2019-يىلى 8-ئايدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئۇيغۇر رايونىدا زىيارەتتە بولۇشىدىن كېيىن، قارىشىنىڭ پۈتۈنلەي ئۆزگەرگەنلىكى تەكىتلەنگەن.

ئولسى يازىجى ئەل-جەزىرە قانىلىغا ئۆزىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى تەسىراتى ھەققىدە توختىلىپ، «كۆرگەنلىرىم ئىسلامنى شىنجاڭدىن يوقىتىش ئۇرۇنۇشلىرىدىن ئىبارەت ئىدى» دېگەن. ئەل-جەزىرەنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي غەرب دۆلەتلىرىنىڭ تەنقىدلىشىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ نۇقتىلىق ھالدا مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ دىپلومات، ژۇرنالىست ۋە دىنىي ئۆلىمالىرىنى ئۇيغۇر رايونىدا زىيارەتتە بولۇشقا تەشكىللەشنى داۋاملاشتۇرۇپ، پاكىستان، فىلىپپىنغا ئوخشاش بەزى دۆلەتلەردىكى ژۇرنالىستلارنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشكەن. خەۋەردە، خىتاينىڭ ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا پاكىستان ئىتتىھات ئاخبارات گۇرۇھىنىڭ «كۈندىلىك» گېزىتىنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى موئىز فاروق، پاكىستاننىڭ پېشاۋېر شەھىرىدىكى «خىتاي كۆزنىكى ئىنستىتۇتى» نىڭ مۇدىرى ناز پەرۋىن قاتارلىقلارنى زىيارەتكە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ماختىشىغا ئېرىشكەنلىكى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. لېكىن ئەل-جەزىرىنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» نىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى ھېنرىي شەجەۋېسكىي، بۇ خىل ئاخبارات زىيارەتلىرىنىڭ يوشۇرۇشقا تېگىشلىك نەرسىسى بار دۆلەتلەر قوللىنىدىغان ئورتاق تاكتىكا ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.