ياپونىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن پارلامېنت سايلىمىدا ھازىرقى باش مىنىستىرى شىنزو ئابى تەۋە ئەركىن دېموكراتلات پارتىيىسى بىلەن ئىتتىپاقداشلار پارتىيىسى بىرلىكتە پارلامېنتنىڭ يۇقىرى كېڭىشىنىڭ سايلىمىدا كۆپ سانلىق بېلەتكە ئېرىشىپ، ياپونىيە پارلامېنت سايلىمىدا غەلىبە قىلىشى ئېنىق ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى.
بۇ ھەقتە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، شىنزو ئابىنىڭ پارتىيىسى پارلامېنتتىكى 121 ئورۇننىڭ 71 ئورنىنى ئىگىلەپ، ئاساسلىق ئورۇنغا ئىگە بولۇشى مۇمكىن.
شۇنداق بولغاندا شىنزو ئابى 6 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم پارلامېنتنىڭ ئىككى پالاتاسىنى كونترول قىلغان باش مىنىستىرغا ئايلىنىدىكەن. ئىلگىرى ھاكىمىيەتتىكى پارتىيىنىڭ پارلامېنتنى تولۇق كونترول قىلىشى قىيىن بولغان ئىدى.
شىنزو ئابىنىڭ ياپونىيە پارلامېنتىنى كونترول قىلىشى كەلگۈسىدە ياپونىيىنىڭ خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بولىدىغان مۇناسىۋىتىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن ئىكەن.