ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزۇ ئابې ياسۇكۇنى بۇزرۇكۋارلىقىنى تاۋاپ قىلدى

ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزۇ ئابې پەيشەنبە كۈنى ياپونىيە ئۇرۇش قۇربانلىرى قەبرىستانلىقى‏-ياسۇكۇنى بۇزرۇكۋارلىقىنى تاۋاپ قىلىپ، 2‏-دۇنيا ئۇرۇشىدا ئۆلگەن قۇربانلارغا دۇئا قىلدى.

بۇ سابىق ياپونىيە باش ۋەزىيىتى جۇنىشىرو كويزۇمىدىن كېيىن بۇزرۇكۋارلىقنى تاۋاپ قىلغان تۇنجى باش ۋەزىر. ئابې باياناتىدا، بەزىلەر ياسۇكۇنىنى زىيارەت قىلىش ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنى تاۋاپ قىلغانلىق، دەپ تەنقىد قىلىدۇ. بىراق مېنىڭ زىيارىتىم ياپونىيەنىڭ ھەرگىز قايتا ئۇرۇش قىلماسلىق ۋەدىسىنى تەكرارلاش، دېگەن.

بىراق ئابېنىڭ زىيارىتىگە خىتاي دەرھال نارازىلىق بىلدۈرگەن. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي ياپونىيەنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتىپ نارازىلىق بىلدۈرگەن. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا كۆرسىتىشىچە، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى ئابېنىڭ زىيارىتىنى «خەلقئارا ئادالەتكە قىلىنغان رەزىل قۇتراتقۇلۇق، ئىنسانلىق ۋىجدانىنى ئاياق ئاستى قىلغانلىق» دېگەن. تاشقى ئىشلار ئەمەلدار لو جاۋخۇي بولسا، بۇنىڭ ئاقىۋىتىگە ياپونىيەنىڭ مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بىراق ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كىشىدا، بىر كىشىنىڭ بۇزرۇكۋارلىقنى زىيارەت قىلىشى ئۇنىڭ شەخسى ئېتىقادىغا ئالاقىدار مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، بۇنىڭغا سىياسەت ياكى دىپلوماتىيەنى ئارىلاشتۇرۇۋالماسلىق كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.