ياپونىيىنىڭ يېڭىدىن ھوقۇقنى ئىگىلىگەن باش ۋەزىرى شىنزو ئابې يەكشەنبە كۈنى موسكۋا سەپىرىنى باشلىدى. بۇ ياپونىيە باش ۋەزىرىنىڭ 2003 - يلىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم رۇسىيىنى رەسمىي زىيارەت قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
شىنزو ئابېنىڭ رۇسىيە زىيارىتى ياپونىيە ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، بۇ، ياپونىيە بىلە رۇسىيە ئارىسىدىكى سودا - ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنى تەرەققى قىلدۇرۇش، تەبىئىي گازنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى ئاشۇرۇش ھەمدە ياپونىيە بىلەن رۇسىيە ئارىسىدىكى تۆت ئارال مەسىلىسىدە يېڭى ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىشنى مەقسەت قىلىدىكەن.
ئامېرىكىدا چىقىدىغان «ۋالل سترېت جۇرنىلى»گېزىتىنىڭ يېزىشىچە، شىنزو ئابې بۇ قېتىم ئۆزى بىلەن 120 نەپەر ھەر ساھە ئەربابلىرى، بولۇپمۇ سودا - ئىقتىساد ساھەسىنىڭ ئەربابلىرىنى موسكۋاغا ئېلىپ بېرىپ، رۇسىيە بىلەن كەڭ دائىرىلەر بويىچە ئالاقە ئورنىتىدىكەن.
تەھلىللەرگە قارىغاندا، شىنزو ئابېنىڭ ئەڭ مۇھىم مەقسەتلىرىدىن بىرى سوۋېت ئىتتىپاقى بېسىۋالغان تۆت ئارالنى قايتۇرۇۋېلىش مەسىلىسى ھەققىدە رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن بىلەن سۆزلىشىشتۇر.