شۋېتسارىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئىگنازىيو كاسىسس خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن ئۇچراشقاندا ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
«شۋېتسارىيە ئۇچۇرلىرى» ناملىق گېزىتنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نۆۋەتتە شۋېتسارىيەدە رەسمىي زىيارەتتە بولۇۋاتقان بولۇۋاتقان خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى 22-ئۆكتەبىر سەيشەنبە كۈنى شۋېتسارىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئىگنازىيو كاسىسس بىلەن ئۇچراشقان.
شۋېتسارىيە ھۆكۈمەت تەرەپتىن بېرىلگەن باياناتتىن قارىغاندا، شۋېتسارىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سۆھبەت جەريانىدا خىتاي تەرەپكە شۋېتسارىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەت قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ۋەزىيىتى ھەم شۇنداقلا خوڭكوڭنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدىكى ئەندىشىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئىگنازىيو كاسس باياناتتا، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئىككى تەرەپ سۆھبىتىدىكى مۇھىم تولۇقلىغۇچى ئامىل بولدى، دېگەن. ئەمما سۆھبەتلەردە خىتاي تەرەپنىڭ بۇنىڭغا قانداق ئىنكاس قايتۇرغانلىقى ئېنىق ئەمەس.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي، شۋېتسارىيەنىڭ 3-چوڭ تىجارەت شېرىكى بولۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ 2018-يىلىدىكى تىجارەت ھەجمى 44 مىليارد دوللارنى ئاشقان. ئىككى دۆلەت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى سەيشەنبە كۈنىدىكى ئۇچرىشىشىدا خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى» غا ئائىت قۇرۇلۇش تۈرلىرى ھەققىدىمۇ سۆھبەتلەشكەن.
شۋېتسارىيە تەرەپنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى تىجارىي مەنپەئەتلەرگە قارىماي ئوتتۇرىغا قويۇشى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى. كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنى خىتاي بىلەن بولغان ھەرقانداق بىر رەسمىي ئۇچرىشىشتا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى بولۇپمۇ نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقان ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەلەپ قىلىپ كەلمەكتە.