ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتايدا قولغا ئېلىنغان شىۋېتسىيەلىك پائالىيەتچى پېتىر داھلىن بىلەن شىۋېتسىيە تەۋەلىكىدىكى خوڭكوڭلۇق كىتابپۇرۇش گۇي مىڭخەينىڭ مەسىلىسىگە دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئىككىيلەننى خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ پروگراممىسىغا چىقىرىپ، «جىنايىتى» نى «ئىقرار» قىلدۇرغان.
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مارك تونېر پەيشەنبە كۈنلۈك ئاخبارات يىغىنىدا تەكىتلەپ، «خىتايدا يېقىندىن بۇيان ياۋروپا پۇقرالىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تېخىمۇ كۆپ كىشى ھۆكۈمەت ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە جىنايىتىنى ئىقرار قىلىشقا مەجبۇرلىنىۋاتىدۇ. ئامېرىكا بۇ ئىشقا دىققەت قىلىدۇ» دېدى.
مارك تونېرنىڭ قەيت قىلىشىچە، بۇ كىشىلەر كۆپ ھاللاردا سوراق قىلىنىشتىن بۇرۇن ياكى تەپتىش دائىرىلىرى ئەيىبلەشتىن ئاۋۋال ئۆزىنىڭ جىنايىتىنى ئىقرار قىلىشقا مەجبۇرلانغان. بەزىلەر ھېچقانداق قانۇن ياكى كونسۇل ياردىمىگە ئېرىشەلمىگەن ياكى خىتايغا قانۇنسىز ئېلىپ كېتىلگەن.
مارك تونېر يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتى قانۇن بىلەن باشقۇرۇشنى تەكىتلىسىمۇ، ئەمما ئۇ بۇنىڭغا مۇخالىپ ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
پېتىر داھلىن بۇرۇن بىر ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئورگىنىدا ئىشلىگەن بولۇپ، ئۇ 3-يانۋار بېيجىڭ ئايرودرومىدا قولغا ئېلىنغان. ئۇ 19-يانۋار خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيە قانىلىدا ئۆزىنىڭ «خىتاي قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغانلىقى» نى ئىقرار قىلغان. ئەمما خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان ئىدى.