شىۋېتسىيە خىتاينىڭ 2 نەپەر شىۋېتسىيە پۇقراسىنى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى

شىۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مارگوت ۋولستروم جۈمە كۈنى خىتاينىڭ شىۋېتسىيە پۇقراسى پېتىر داھلىن بىلەن گۇي خەيمىڭنى تۇتقۇن قىلغانلىقى «قوبۇل قىلىنمايدۇ» دېدى.

ۋولستروم شىۋېتسىيە ئاخباراتىغا بەرگەن باياناتىدا، «بىز دىپلوماتىك قاناللار ئارقىلىق بۇنىڭ قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقىنى ئېيتتۇق. بىز ئۇلارغا دائىر ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەشنى ۋە ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلىمىز» دېگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن ئىككى ھەپتە ئاۋۋال شىۋېتسىيەلىك پائالىيەتچى پېتىر داھلىننى تۇتقۇن قىلىپ، 19‏-يانۋار ئۇنى تېلېۋىزورغا چىقارغان. داھلىن خىتاينىڭ مەركىزى تېلېۋىزىيە قانىلىدا ئۆزىنىڭ «خىتاي قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغانلىقى» نى ئىقرار قىلغان.

يەنە بىر تۇتقۇن شىۋېتسىيە تەۋەلىكىدىكى خوڭكوڭلۇق كىتابپۇرۇش گۇي مىڭخەي بولۇپ، ئۇمۇ تېلېۋىزوردا ئۆزىنىڭ «جىنايىتى» نى ئىقرار قىلىپ، شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتىدىن ئۆزىنىڭ دېلوسىغا ئارىلاشماسلىقنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

مارگوت ۋولستروم شىۋېتسىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە قىلغان سۆزىدە يەنە، «ئۇلارنى تېلېۋىزورغا چىقىرىپ، ئىقرار قىلدۇرۇشتەك بۇنداق خاھىش پۈتۈنلەي قوبۇل قىلىنمايدۇ» دېگەن.

خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىگە پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا ئىنكاس قايتۇرغان. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مارك تونېر، ئۇ ئىككى شىۋېتسىيەلىك مەسىلىسىگە دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەلقئارا چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى پەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنى خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى ۋە مەركىزى تېلېۋىزىيە قانىلىغا ئېمبارگو قويۇشقا چاقىرغان ئىدى.