شىخەنزە شەھىرىدىكى مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقىنىڭ مەجبۇرىي كۆچۈرۈلۈشى نارازىلىق قوزغىدى


ئۇيغۇربىز تورىنىڭ 28 - ئاپرېلدىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، شىخەنزە شەھىرىدىكى 180 يىللىق تارىخقا ئىگە مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقىنىڭ مەجبۇرىي كۆچۈرۈلۈشى ئۇيغۇر قاتارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، يېقىندا شىخەنزە شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقىنى تەرەققىيات رايونى نامىدا سودىگەرلەرگە سېتىپ بېرىشنى تەستىقلىغانلىق خەۋىرى تارقالغاندىن كېيىن، شىخەنزە شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇر، تۇڭگان قاتارلىق مۇسۇلمانلارنارازىلىق بىلدۈرۈپ، شىخەنزە شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىغا بارغان.

مەلۇم بولۇشىچە، شىخەنزە شەھىرىدىكى مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنغان مۇسۇلمانلار نەچچە ئو نمىڭغا يېتىدىغان بولۇپ، بۇ جايغا يەنە سابىق مىللىي ئارمىيە ئوفېتسېر، ئەسكەرلىرىمۇ دەپنە قىلىنغان ئىكەن.