شۆھرەت مۇتەللىپوف ئۈرۈمچىدە قىزغىنلىق قوزغىدى

ئامېرىكا ئورىگون شتاتى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، غول ھۈجەيرە ساھەسىدىكى تەتقىقاتلاردا زور نەتىجىلەرنى قازىنىپ، تەتقىقات ئەسەرلىرى ئامېرىكىنىڭ «تەبىئەت» قاتارلىق مۇھىم ژۇرناللىرىدا ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇر ئالىمى شۆھرەت مۇتەللىپ، خىتاينىڭ شەندوڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەكلىپى بويىچە ئىلمىي دوكلات بېرىپ بولغاندىن كېيىن ئۈرۈمچىگە كېلىپ، بەش كۈندىن بۇيان ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر تېبابەت تەتقىقات مەركىزى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە باشقا ئورۇنلاردا ئۇيغۇر ئالىملىرى، مۇتەخەسسىسلىرى، ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغكىھىلار بىلەن ئۇچرىشىشلار ۋە ئىلمىي مۇھاكىمىلەر ئۆتكۈزگەن.

شۆھرەت مۇتەللىپوفنىڭ ئۈرۈمچى زىيارىتى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا يۇقىرى قىزغىنلىق قوزغىغانلىقى مەلۇم. ئۇنىڭ زىيارىتى ۋە سۆھبەتلىرى ئۇيغۇر تور بەتلىرىدىن مىسرانىم، باغداش، ئەلكۈيى ۋە باشقا تور بەتلىرىدە ئارقىمۇ ئارقىدىن ئېلان قىلىندى.

شۆھرەت مۇتەللىپوفنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئىلمىي پائالىيەتلىرى ۋە ئۇنىڭ قىزغىن كۈتۈۋېلىنىش ئەھۋاللىرى ھەققىدە پەقەت ئۇيغۇر خۇسۇسىي ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرى ئارقىلىق ئۇچۇر تارقىتىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

شۆھرەت مۇتەللىپ ئىلگىرىمۇ بىر قېتىم ئۈرۈمچىدە زىيارەتتە بولغان ۋە ئىلمىي دوكلات بەرگەن ئىدى.

18- سېنتەبىر كۈنى ئۈرۈمچىدىكى ئىجتىمائىي پەن ۋە مەدەنىيەت ساھەسىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە سەنئەتكارلىرى شۆھرەت مۇتەللىپوفنى قىزغىن كۈتۈۋېلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن.

شۆھرەت مۇتەللىپوف قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرى يېنىدىكى بىر ئۇيغۇر يېزىسىدا تۇغۇلۇپ، پۈتۈن مەكتەپ تەربىيەسىنى رۇسچە ئالغان. كېيىن موسكۋادىكى تېمىريازوۋ ئاكادېمىيىسىدە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەندىن كېيىن ئامېرىكىغا كېلىپ تەتقىقات ساھەسىدە ئىشلىگەن. ئۇنىڭ كىچىكىدىنلا رۇس تىلىدا مائارىپ تەربىيىسى كۆرگىنى ۋە ئۇيغۇر تىلى مۇھىتى كەمچىل بولۇشىغا قارىماي، ئۆز ئانا تىلىنى ياخشى بىلىشى ۋە ئۇنى قەدىرلىشى كىشىلەرنىڭ ئالاھىدە ھۆرمىتىنى قوزغىغان.