ئۇيغۇر ئالىمىنىڭ تەتقىقات نەتىجىسى 2013-يىللىق مېدىتسىنادىكى 10 چوڭ بۆسۈشنىڭ بىرى بولۇپ باھالاندى

ئامېرىكىدىكى دەۋر ژۇرنىلى يېقىندا «2013-يىللىق 10 چوڭ ئىش» نى ئېلان قىلدى. بۇنىڭدا ئامېرىكا ئورىگون شتاتى دۆلەتلىك پىرىماتلار (مايمۇن تۈرىدىكىلەر) تەتقىقات مەركىزى غول ھۈجەيرە تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ۋە تەتقىقاتچىسى ئۇيغۇر ئالىمى دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ بۆسۈش خاراكتېرلىك تەتقىقات نەتىجىسى 2013-يىللىق «مېدىتسىنا ساھەسىدىكى 10 زور بۆسۈش» نىڭ بىرى بولۇپ باھالاندى.

دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ دۇنيادا تۇنجى بولۇپ ئىنسان تېرە ھۈجەيرىسىنى «تەن ھۈجەيرە يادروسىنى كۆچۈرۈش» تېخنىكىسى بىلەن تۆرەلمە غول ھۈجەيرىگە ئايلاندۇرغانلىقى ئۇنى مەزكۇر شەرەپكە ئېرىشتۈردى. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ بايقاش ئىنسانلاردىكى پاركىنسون كېسەللىكى (Parkinson’s disease)، كۆپ قوزغىلىدىغان قېتىشىش كېسەللىكى، يۈرەك كېسىلى ۋە يۇلۇن زەخمىسى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا ئۈمىد تۇغۇلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

ئوكيان تورىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئالىمى شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ بۇ نەتىجىسىنى ئاڭلىغان چەتئەللەردىكى ۋە ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇيغۇرلار ئاممىۋى تور بېكەتلىرىدە ئالىمنىڭ نەتىجىسىنى تەبرىكلىدى.

ئامېرىكىدىكى مەلۇم ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ مۇدىرى تاشپولات روزى ئەپەندى ئۆز تەبرىكنامىسىدە مۇنداق بايانلارنى يازدى. «بىزنىڭ ئۇيغۇرىمىزدىن چىققان پەخىرلىك ئالىمىمىز شۆھرەت مۇتەللىپ دۇنيادا بىرىنچى بولۇپ بۇ ساھەدىكى نەتىجىنى ياراتتى. بىزلا ئەمەس، پۈتۈن دۇنيا ئالىملىرى ئالىمىمىزغا ھەيران قىلىپ ئۇنىڭغا تەبرىكلەرنى ياغدۇرۇۋەتتى. باشقىلار ئۇنىڭدىن سەن قايسى ئىلغار مىللەتتىن دەپ سورىۋېدى ئۇ: «مەن ئەقىللىق ئۇيغۇر مىللىتىدىن» دەپ ئۆزىنى دۇنياغا جاكارلىدى.