شۆھرەت زاكىر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خەلقئاراغا قاراتقان تەشۋىقات ۋە تاراتقۇ ئىقتىدارىنى يەنىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئۆتكەن ھەپتە خىتاي مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش تاشقى ئىشلار كومىتېتىدىن كەلگەن مەخسۇس تەكشۈرۈش ئۆمىكىنى كۈتۈۋالغاندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خەلقئاراغا قاراتقان تەشۋىقات ۋە تاراتقۇ ئىقتىدارىنى يەنىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

«شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېگەن: «شىنجاڭ دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە يېقىندىن ماسلىشىپ، ئەتراپتىكى قوشنا دۆلەتلەرگە قارىتىلغان تەشۋىقات ۋە تاراتقۇ ئىقتىدارىنى داۋاملىق كۈچەيتىدۇ. جۇڭگو ۋە شىنجاڭ ھەققىدىكى ھېكايىلەرنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئۇزاق مەزگىللىك ئەمىنلىكى ئۈچۈن پايدىلىق بولغان خەلقئارا مۇھىت ھەمدە جامائەت پىكرى ھاسىل قىلىشقا تىرىشىدۇ.»

ئىگىلىنىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويغان تەشۋىقاتنى كۈچەيتىش ھەققىدىكى كۆرسەتمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە باشلىغان. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرى، ئوتتۇرا-شەرق ۋە تۈركىيەگە قاراتقان رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە باشقا تۈرلۈك تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنى بارغانسېرى كۈچەيتكەن.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر بىلەن سىياسىي ئانالىزچىلار، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەرنىڭ سىرتقا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنى ھەسسىلەپ كۈچەيتىشى خەلقئارادىكى ئەركىن تاراتقۇلارنىڭ بېسىمىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈندۇر، دەپ قارىماقتا.