شۆھرەت زاكىر قەشقەر قاتارلىق جايلاردا مۇقىملىقنى قوغداشنى تەكىتلىدى


ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر 28 - 30 - ماي كۈنلىرى تەڭرى تاغلىرىنىڭ جەنۇبىدىكى قەشقەر ۋە قىزىلسۇ تەۋەسىدە مەخسۇس تەكشۈرۈشتە بولۇپ، بىر قىسىم ئورۇنلارنى زىيارەت قىلىپ ئۇچرىشىشلار ئۆتكۈزۈپ، خىتاي ھوكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتىكى دىنىي ئەسەبىيلىككە زەربە بېرىش ۋە مىللەتلەر خىزمىتىگە ئائىت سىياسىي تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرگەن.

شىنخۇا تورىدىكى بۇ ھەقتىكى خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، شۆھرەت زاكىر ئۈچ كۈنلۈكى زىيارەت جەريانىدا ئاقتۇ ناھىيىسىنىڭ بارىن يېزىسىدا بولغان.

مەلۇمكى. مەزكۇر بارىن يېزىسى 1990 - يىلى مەشھۇر بارىن ۋەقەسى يۈز بەرگەن جاي بولۇپ، بۇ يىل 4 - ئايدا بۇ ۋەقەگە 25 يىل توشقان ئىدى.

شۆھرەت زاكىر يەنە يېڭىدىن قۇرۇلغان قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى، قەشقەر ئىقتىسادىي ئېچىۋېتىش رايونى قاتارلىق جايلارنى تەكشۈرگەن.

ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە شۆھرەت زاكىرنىڭ ھەممىلا يەردە تەكىتلىگىنى «دىنىي ئاشقۇنلۇققا زەربە بېرىش» تەشۋىقاتى، قوش تىل مائارىپى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقى قاتارلىقنى كۈچەيتىش شۇنىڭدەك « ئىجتىمائىي سىياسى چوڭ مۇقىملىقنى قەتئىي قوغداش»دېگەنلەردىن ئىبرەتتۇر،

شۆھرەت زاكىرنىڭ قەشقەر تەۋەسىدە ئېلىپ بارغان بۇ پائالىيەتلىرىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز بىرگە بولغان.