خىتاي نوپۇس ئەڭ كۆپ ئۆلكە - سىچۇەندە ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتىنى رەسمىي باشلىدى

خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى 2016 - يىلى 1 - ئايدىن باشلاپ، پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزگەن يېڭى لايىھەسىنى يولغا قويغان ئىدى. خىتايدىكى نوپۇس ئەڭ كۆپ ۋە ئەڭ زىچ ئۆلكىلەردىن بىرى سىچۈەن ئۆلكىسىدە ئىككى پەرزەنتلىك بولۇشقا رەسمىي يول قويۇلغان بولۇپ، «جۇڭگو ئۇچۇر تورى» نىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 22 - يانۋار كۈنى ئېچىلغان سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ 12 - نۆۋەتلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 21 - قېتىملىق يىغىنىدا «سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت نىزامى» (تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن نۇسخىسى) قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى ۋە «ئومۇميۈزلۈك ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش» سىياسىتىنى يولغا قويۇشتىكى ماسلاشتۇرۇلىدىغان چارىلەر ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ مەزكۇر يېڭى يولغا قويۇلىدىغان نىزامىدا ئەسلىدىن بار بولغان كېچىكىپ توي قىلىشنى مۇكاپاتلاش ھەققىدىكى بەلگىلىمە چىقىرىۋېتىلگەن.

مەزكۇر نىزام بويىچە يەنە، قانۇن - بەلگىلىمىگە ماس كېلىدىغان پەرزەنتلىك بولغان ئەر - ئاياللار قانۇن - بەلگىلىمىدە بەلگىلەنگەن تۇغۇتلۇق ئارامدىن باشقا، ئايال تەرەپ يەنە 60 كۈن ئۇزارتىپ ئارام ئالالايدىكەن ۋە مائاش ۋە پاراۋانلىق تەمىناتلىرى ئۆزگەرمەيدىكەن. سىچۈەندە يولغا قويۇلغان مەزكۇر ئىككى پەرزەنتلىك بولۇشقا ئائىت يېڭى نىزامدا بىر قاتار پاراۋانلىق چارىلىرى بېكىتىلگەن ئىكەن.

ئىككى پەرزەنتلىك بولۇشقا ئائىت يېڭى بەلگىلىمە يېڭى يىل كىرىش بىلەن خىتاينىڭ بىر قىسىم ئۆلكىلىرىدە ئومۇملاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئەنخۇي، گۇاڭشى، يۈننەن ۋە باشقا ئۆلكىلەر سىچۈەن ئۆلكىسىدىكىگە ئوخشاش بىر قاتار يېڭى پاراۋانلىق بەلگىلىمىلىرىنى چىقارغان.