خىتاي نوپۇسىنىڭ قېرىلىشىشى ئېغىرلاپ، تۇغۇلۇش نىسبىتى تۆۋەنلەپ كەتكەندىن كېيىن، سىچۈەن ئۆلكىسى پىلانلىق تۇغۇتنى سىناق تەرىقىسىدە ئەمەلدىن قالدۇرغان.
«ۋاشنگتون پوچتىسى گېزىتى» 30-يانۋار ئېلان قىلغان بۇ خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئۆتكەن يىلى خىتايدىكى تۇغۇلۇش نىسبىتى تارىختا ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشكەندىن كېيىن، جايلاردا نوپۇس كىرزىسى كۆرۈلۈشكە باشلىغان. خىتايدا نوپۇسى ئەڭ كۆپ ئۆلكە بولغان سىچۈەن ئۆلكىسى يېڭىدىن سىياسەت چىقىرىپ، توي قىلمايلا بىللە ياشاۋاتقانلارنىڭ قانچە بالىسى تۇغۇلسا تۇغۇلسۇن، ھەممىسىنى تىزىملايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇ خىتايدا پىلانلىق تۇغۇت يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيانقى تۇنجى سىناق ئىكەن.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ ئىلگىرىكى سىياسىتىدە توي قىلغانلارنىڭ كۆپ بولغاندا ئىككى بالىلىق بولۇشىغا يول قويۇلغان. بۇ يىل 2-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىغان بۇ يېڭى سىياسەتتە، توي قىلماي بىللە تۇرۇۋاتقانلارنىڭ بالىلىرى تىزىمغا ئېلىنسىمۇ، ئەمما ئۇلارغا نوپۇس سالاھىيەتى بېرىلمەيدىكەن. بۇ جەھەتتە ئۇلار توي قىلغان ئەر-ئايال ئېرىشىدىغان ھوقۇققا ئېرىشەلمەيدىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى 2016-يىلدىن باشلاپ ئىككى بالىلىق بولۇشقا يول قويغان بولسىمۇ، بۇنىڭ قىلچە ئۈنۈمى بولمىغان. 2021-يىلدىكى تەكشۈرۈشتە، خىتاي شەھەرلىرىدىكى 44 پىرسەنت ئايال، 22 پىرسەنت ئەرنىڭ توي قىلىشنى خالىمايدىغانلىقى مەلۇم بولغان. خىتاي ياشلىرى بالا بېقىش ۋە تەربىيەلەش چىقىملىرىدىن قورققان؛ «پاسسىپ ياشاش» شامىلىغا ئەگىشىپ، ھۆكۈمەتكە ماسلاشماسلىق يولىنى تۇتقان.
خىتايدا نوپۇس كىرىزىسى كۆرۈلۈپ، 2016-يىل ئىككى بالىلىق بولۇشقا يول قويۇلغان بولسىمۇ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى تۇغۇلۇش نىسبىتى 2017-يىلدىن 2019-يىلغىچە بولغان ئىككى يىل ئىچىدىلا شىددەت بىلەن ئازىيىپ كەتكەنىدى. تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنىز بۇنى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلگەن قاتتىق مەجبۇرلاش تەدبىرلىرى، ئوچۇق ئېيتقاندا نوپۇس قىرغىنچىلىقىغا باغلاپ چۈشەندۈرگەنىدى.