سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ يائەن شەھىرىنىڭ لۇشەن ناھىيىسىدە 20 - ئاپرىل كۈنى 7 بال يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن،21 - ئاپرىل كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئاپەتكە ئۇچرىغانلارغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خىتاي مەنبەلىرى ئاساسىدا خەۋەر قىلىشىچە، يائەن شەھىرىنىڭ لۇشەن ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە 181 ئادەم ئۆلۈپ، 24 ئادەم يوقاپ كەتكەن، 11492 ئادەم يارىلانغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە 960 ئادەمنىڭ يارىسى ئېغىر ئىكەن.
ھازىر ھۆكۈمەت قۇتقۇزۇش خادىملىرى ۋە ياردەم ئەشيالىرىنى ئەۋەتكەن بولۇپ، جىددىي قۇتۇلدۇرۇش ئىشلىرى داۋاملاشماقتا ئىكەن. دائىرىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلقلەرگە ياردەم بېرىۋاتقانلىقى ۋە قۇتقۇزۇش ئىشلىرى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى، شۇڭا خەلقئارالىق ياردەملەرگە مۇھتاج ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن. ئەمما، تەيۋەن قىزىل كىرسېت جەمئىيىتى يائەنگە ياردەمگە بارىدىغان خادىملار ۋە ياردەم بۇيۇملىرىنى تەييارلاپ بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
سىچۇەن ئۆلكىسىدە 2008 - يىلى، قاتتىق يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بېرىپ، 70 مىڭغا يېقىن ئادەم ئولگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.