ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتى دىققەت قوزغاۋاتقان بىر پەيتتە خىتاي كومپارتىيەسى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا يېڭى مۇئاۋىن سېكرىتار تەيىنلىگەن

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىلگىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن لى يىفېي ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرىتارلىقىغا ئۆستۈرۈلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، لى يىفېي يۈننەننىڭ موجياڭ دېگەن يېرىدىن بولۇپ، ئۇ 1980-يىلدىن 1985-يىلغىچە، كۇنمىڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىدا سەھىيە پەنلىرى كەسپىدە ئوقۇغان، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن شۇ بۆلۈمدە ئىشلىگەن ئىكەن.

ئۇ 1986-يىلدىن 2020- يىلىغىچە، يەنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا يۆتكەپ كېلىنگۈچە بولغان جەرياندا يۈننەن، گۈيجۇ قاتارلىق خىتاينىڭ جەنۇبىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىدا، كېيىنچە بېيجىڭدا ۋەزىپە ئۆتىگەن ئىكەن.

لى يىفېينىڭ قانداق سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە ئىكەنلىكى ئېنىق بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونمىدىكى بۇ مۇھىم ئورۇنغا ئۆستۈرۈلۈشى چەت ئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.

ئالدىنقى ئايلاردا خىتاي كومپارتىيەسى تۇيۇقسىز ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 3 نەپەر خىتاي مۇئاۋىن رەئىسىنى بىراقلا ۋەزىپىسىدىن قالدۇرغان بولۇپ، بۇ قېتىم لى يىفېينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن سېكرىتارلىقىغا ئۆستۈرۈلۈشى، خىتاينىڭ رايوندىكى يوقىرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارلىرىغا قارىتا جىددىي تەڭشەش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنىڭ بىر ئىپادىسى ئىكەن. كۆزەتكۈچىلەر، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى چېن چۈەنگو قاتارلىق ئۇيغۇر رايونىدىكى يوقىرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارلىرىغا قارىتا جازا ئېلان قىلغان بىر مەزگىلدە، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى خىتاي ئەمەلدارلىرىغا قارىتا تەڭشەش ئېلىپ بېرىشقا مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقىنى تەخمىن قىلماقتا.