سىنگاپوردىكى ئاسىيا بىخەتەرلىك يىغىنىنى ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيلىك ئىگىلىدى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2023.06.02

يىلدا بىر قېتىم سىنگاپوردا ئۆتكۈزۈلىدىغان «شاڭرىلا دىئالوگى» ناملىق ئاسىيا بىخەتەرلىك يىغىنى 2-ئىيۇن كۈنى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى كەسكىنلىشىپ كەتكەن بىر شارائىتتا باشلاندى. چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە، يىغىندا ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيچىلىكنىڭ ئەكس ئېتىدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. ئىككى كۈن داۋاملىشىدىغان بۇ يىغىنغا 49 دۆلەتنىڭ مۇداپىئە مىنىستىرلىرى، يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارلىرى، دىپلوماتلىرى، قورال-ياراغ كارخانىلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە بىخەتەرلىك مۇتەخەسسىسلىرى ئىشتىراك قىلىدۇ. يىغىنغا ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لىلويىد ئائۇستېن بىلەن خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لى شاڭفۇنىڭمۇ قاتنىشىدىغانلىقى مەلۇم.

لېكىن رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يىغىنغا بۇ ئىككىيلەن ئىشتىراك قىلسىمۇ، لېكىن بۇ يىغىن خىتاي ئامېرىكانىڭ ئىككى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرىنىڭ سۆھبىتىنى ئۆتكۈزۈش تەلىپىنى رەت قىلغان بىر شارائىتتا ئۆتكۈزۈلمەكتىكەن.

ئ‍امېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بۇ ھەپتىنىڭ باشلىرى خىتاي ئامېرىكىنىڭ ئىككى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرىنىڭ ئۇچرىشىش تەكلىپىنى رەت قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2018-يىلى خىتاينىڭ ھازىرقى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لى شاڭفۇغا ئېمبارگو يۈرگۈزگەن. لى شاڭفۇ ئەينى ۋاقىتتا خىتاي ئارمىيەسىنىڭ قورال-ياراغ ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەمەلدارى ئىدى. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئامېرىكانىڭ لى شاڭفۇغا يۈرگۈزۈلگەن ئېمبارگونى بىكار قىلماي تۇرۇپ، كۆرۈشۈشنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرگەن.

لىلويد ئۇستېن بۇ ھەپتە ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ياسۇكازۇ بىلەن كۆرۈشكەندە خىتاينىڭ كۆرۈشۈشنى رەت قىلغانلىقىدىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى ئېيتقان. لىلويىد ئائۇستېننىڭ لى شاڭفۇ بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلىشىغا ئۆتكەن ئاينىڭ ئاخىرلىرى جەنۇبىي دېڭىزدا خىتاي كۈرەشچى ئايروپىلانىنىڭ بىر ئامېرىكا ئايروپىلانىغا كاشىلا قىلىشى سەۋەب بولغانلىقى، لىلويد ئائۇستېننىڭ ياپونىيە مۇداپىئە مىنىستىرىغا خىتاي بۇ خىل ئىغۋاگەرچىلىكنى توختاتمىسا، «مەلۇم نۇقتىدا ناھايىتى تېز كونترولدىن چىقىپ كېتىدىغان ھادىسە يۈز بېرىشىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.