سىنگاپور دۆلەتلىك بايلىق فوندىنىڭ مەسئۇللىرى ئۇيغۇر ئېلىدە زىيارەتتە بولغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2024.08.26

سىنگاپور دۆلەتلىك بايلىق فوندى - «تېماسېك» (Temasek) نىڭ رەئىسى لىم بۇن خېڭ بىلەن ئىجرائىيە دىرېكتورى پىلاي ساندراسېگارا 26-ئاۋغۇست كۈنى ئۈرۈمچىدە زىيارەتتە بولغان ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۇي بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان.

خەۋەرلەردە، سۆھبەتنىڭ ئەنئەنىۋى ئېنېرگىيە بىلەن شامال ۋە قۇياش ئېنېرگىيەسىگە ئوخشاش يېڭى ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنى ئېچىشنى مەركەز قىلغانلىقى قەيت قىلىنماقتا. بۇ ما شىڭرۇينىڭ ئۆتكەن ھەپتە كامبودژا پادىشاھى نورودۇم سىخامونىنى كۈتۈۋېلىشىدىن بېرى، شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيادىكى يەنە بىر چەت ئەل ئەمەلدارىنى كۈتۈۋېلىشىدۇر. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ زىيارەتلەر خەلقئارادا داۋاملىشىۋاتقان خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە مەجبۇرىي ئەمگىكىنى جاۋابكارلىققا تارتىش سادالىرىغا قارشى «شىنجاڭنىڭ ئوبرازىنى ياخشىلاش»، شۇنداقلا رايونغا تېخىمۇ كۆپ چەت ئەل مەبلىغى جەلپ قىلىش تىرىشچانلىقىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەن.

«جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» نىڭ «شىنجاڭ گېزىتى» دىن نەقىل كەلتۈرۈپ بەرگەن خەۋىرىدە، ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى سۆھبەتنىڭ نۇقتىلىق تېمىلىرىنىڭ بىرى، ئېنېرگىيە ساھەسى، جۈملىدىن نېفىت، تەبئىي گاز ۋە كۆمۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەنئەنىۋى ئېنېرگىيە ساھەسى، شۇنداقلا شامال ھەم كۈنتاختىغا ئوخشاش يېڭى ئېنېرگىيە مەسىلىلىرىنى نۇقتا قىلغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.

خىتاينىڭ 2017-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەمدە لاگېر، تۈرمىلەرگە قاماش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە ساھەسىگە مەبلەغ سېلىشنىمۇ كۈچەيتكەنلىكى مەلۇم. خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى ئالتە ئېيىدا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە بىلەن توك ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن ئىككى ھەسسىدىن كۆپرەك ئارتقان. خەۋەرلەردە، «تېماسېك» نىڭ ئۇيغۇر ئېلى بىلەن مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ۋە ساياھەتچىلىك جەھەتتىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى قەيت قىلىنماقتا. ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى «شىنجاڭنىڭ ئوبرازى» نى ياخشىلاشتا يېقىنقى بىر-ئىككى يىلدىن بېرى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ساياھىتى» دەپ تەرىپلىنىۋاتقان ئۇيغۇر ئېلى ساياھەتچىلىكىنى كۈچەيتكەن. «تېماسېك» رەھبەرلىرىنىڭ ئۈرۈمچى زىيارىتى بۇ فوندنىڭ خىتايدىكى مەبلىغى 2020-يىلىدىكى 29 پىرسەنتتىن 2023-2024-يىلى 19 پىرسەنتكە چۈشكەن بىر پەيتتە ئېلىپ بېرىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.