بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئامېرىكىنىڭ گۇاڭجۇدىكى كونسۇلخانىسىدىن بىرقانچە دىپلوماتىيە خادىملىرىنى «سىرلىق كېسەللىك» سەۋەبىدىن ئامېرىكىغا قايتۇرۇپ كەلگەن.
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ چارشەنبە كۈنى كەچتە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاينىڭ گۇاڭجۇ شەھىرىدە تۇرۇشلۇق بىر نەپەر ئامېرىكا كونسۇلخانا خادىمىنىڭ سىرلىق بىر ئاۋاز سەۋەبىدىن مېڭە زەخىملىنىش ھادىسىسى كۆرۈلگەنلىكى ئېنىقلانغاندىن كېيىن، مىنىستىرلىقىمىز خىتايغا مەخسۇس تېببىي ئۆمەك ئەۋەتىپ، كونسۇلخانا خادىملىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنى تەكشۈردى. مەزكۇر كونسۇلخانىدىكى بىر قانچە نەپەر دىپلوماتىيە خادىمىمىزنىڭ سالامەتلىكىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئامېرىكىغا قايتۇرۇپ كېلىندى.»
مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكىنىڭ گۇاڭجۇدىكى كونسۇلخانىسىدا خىزمەت قىلىدىغان بىر نەپەر دىپلوماتىيە خادىمى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بۇلتۇر يىل ئاخىرىدىن باشلاپ قۇلاق تۈۋىدە غەلىتە بىر ئاۋاز پەيدا بولغانلىقىنى ھېس قىلغان. ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ھەممىسىدە بىنورمال باش ئاغرىقى كۆرۈلگەندىن كېيىن، ئۇ بۇ ئەھۋالنى ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭدىكى باش ئەلچىخانىسىغا ۋە ۋاشىنگتوندىكى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىغا ئۇقتۇرغان.
بۇ غەلىتە ئەھۋالنىڭ ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باشقا كونسۇلخانا خادىملىرىدىمۇ كۆرۈلگەنلىكى مەلۇم بولغاندىن كېيىن، بېيجىڭدىكى ئامېرىكا باش ئەلچىخانىسى ئۆتكەن ئايدا خىتايدىكى ئامېرىكىلىقلارنى سىرلىق ئاۋاز ھۇجۇمىدىن ئاگاھ بولۇشقا ۋە بۇ ھەقتە كۆرۈلگەن غەيرىي-نورمال ئالامەتلەرنى دەرھال مەلۇم ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.
2016-يىلى ئامېرىكىنىڭ كۇبادىكى ئەلچىخانا خادىملىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىدىن بولۇپ 24 كىشى سىرلىق ئاۋاز ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. قۇلىقىغا غەلىتە ئاۋاز ئاڭلانغان بۇ كىشىلەردە يېنىك دەرىجىدە مېڭە زەخىملىنىش كۆرۈلگەن بولۇپ، ئۇلاردا باش ئاغرىقى، باش قېيىش، قۇسۇش، ئاڭلاش سېزىمىنى ۋاقىتلىق يوقىتىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلگەن. ئامېرىكا تەرەپ بۇنىڭ بىلەن دەرھال كۇبادىكى دىپلوماتىيە خادىملىرىنى قايتۇرۇپ كەلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە كۇبانىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق 16 نەپەر دىپلوماتىيە خادىمىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقارغان ئىدى.
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى مايك پومپىيو ئۆتكەن ئاي ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى بىر گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە ئامېرىكىنىڭ خىتايدىكى كونسۇلخانا خادىملىرىدا كۆرۈلگەن بىر قىسىم غەلىتە كېسەللىك ئالامەتلىرىنىڭ 2016-يىلى ئامېرىكىنىڭ كۇبادا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا خادىملىرىدا كۆرۈلگەن ئالامەتلەر بىلەن ئوخشايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى چارشەنبە كۈنىدىكى باياناتىدا نۆۋەتتە ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن كۇبادىكى دىپلوماتىيە خادىملىرىغا ئېلىپ بېرىلغان سىرلىق ئاۋاز ھۇجۇمى ئارىسىدا مەلۇم بىر باغلىنىشنىڭ بار-يوقلۇقىنى داۋاملىق تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ پەيشەنبە كۈنى مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، «ئامېرىكا تەرەپ بۇ يېڭى ئەھۋال ھەققىدە بىز بىلەن تېخى رەسمىي ئالاقە قىلمىدى،» دېگەن.
مەزكۇر سىرلىق ئاۋاز ھۇجۇمىنىڭ دەل ئامېرىكا-خىتاي ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى تىجارىي تەڭپۇڭسىزلىقلار تالاش-تارتىشى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەن، ئامېرىكا جەنۇبىي دېڭىزنىڭ خەلقئارا ئەركىن دېڭىز سەپىرىگە ئوچۇق بولۇش مەسىلىسىدە خىتايغا قاراتقان بېسىمنى كۈچەيتكەن بىر مەزگىلدە يۈز بېرىشى كۈچلۈك دىققەت قوزغىماقتا.