خىتاي ھۆكۈمىتى «شىنجاڭنى مەدەنىيەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش» قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشكە ئۇرۇنماقتا

خىتايچە «شىنجاڭ گېزىتى» تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 9-ئاينىڭ 18-كۈنى «7-نۆۋەتلىك خىتاي-ياۋروئاسىيا كۆرگەزمىسى خىتاي-چەت ئەل مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى ھەپتىلىكى» نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرىتارى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى جاڭ چۈنلىن بۇ مۇراسىمدا ئېچىلىش نۇتۇقى سۆزلەپ، «خەلقئارا مەدەنىيەت ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭ ھېكايىسىنى سۆزلەش، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنىڭ ئوبرازىنى نامايەن قىلىش» نى تەلەپ قىلغان.

خىتاي تاراتقۇلىرى بۇ پائالىيەتنى تەشۋىق قىلىشقا كۈچەۋاتقان بولۇپ، خەۋەرلەردە بىردەك ھالدا «خىتاي-چەت ئەل مەدەنىيەت ھەپتىلىكى» خىتاي-ياۋرو ئاسىيا كۆرگەزمىسىدىكى مۇھىم مەدەنىيەت پائالىيىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇيغۇر رايونىنىڭ چەت ئەللەر بىلەن بولىدىغان مەدەنىيەت ئالاقىسىدىكى مۇھىم سەھنىسىگە ئايلاندى» دېيىلگەن.

ئۇنىڭدىن باشقا، 9-ئاينىڭ 19-كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىلەن بىڭتۇەن دائىرىلىرى خىتاي دۆلەت ئىگىلىكىدىكى زىجىڭ مەدەنىيەت گورۇھى بىلەن ئىسترتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، «شىنجاڭنى مەدەنىيەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش» قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا كىرىشكەن. زىجىڭ مەدەنىيەت گورۇھى خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى يېتەكچى كارخانىسى بولۇپ، مەتبۇئات، كىنو-تېلىۋىزىيە قاتارلىق ساھەلەرنى مونۇپۇل قىلىشقا، خىتاي مەدەنىيىتىنى تەشۋىق قىلىشتا باشلامچىلىق رولىنى ئويناشقا باشلىغان.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى مايا ۋاڭ «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشى» توغرۇلۇق قىلغان سۆزىدە، «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش ‹مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى› ئۇيغۇرلارنى ئوچۇقتىن ئوچۇق خىتايلاشتۇرۇش، بۇ ئەمەلىيەتتە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت تۈسىنى ئالغان» دېگەنىدى. بۇنىڭدىن قارىغاندا، خىتاينىڭ «خىتاي-چەت ئەل مەدەنىيەت ھەپتىلىكى» ئۆتكۈزۈشى ۋە دۆلەت ئىگىلىكىدىكى مەدەنىيەت گۇرۇھىنى ئۇيغۇر رايونىغا تەكلىپ قىلىشى، خىتاينىڭ بۇ رايوندا ئۆز مەدەنىيىتىنى مۇتلەق ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلىش ئۇرۇنۇشلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.