ئامېرىكانىڭ ئىقتىساد خەۋەرلىرى قانىلى بولغان CNBC ۋە رۇيترېس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر بېرىشىچە، خىتاينىڭ ئايفون قاتارلىق ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرى ياسايدىغان فۇشىكاڭ (Foxconn) زاۋۇتىنىڭ نەچچە يۈز ئىشچىسى ھۆكۈمەتنىڭ يۇقۇمنى تىزگىنلەش سىياسىتى ۋە زاۋۇتنىڭ خارابلاشقان ۋەزىيىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ھەرىكىتى قوزغىغان.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، جېڭجۇدىكى فۇشىكاڭ زاۋۇتىنىڭ ئىشچىلارغا بېرىدىغان مۇكاپات پۇلىنى ئارقىغا سۈرگەنلىكى بۇ نارازىلىق ھەرىكىتىنىڭ باشلىنىشىغا سەۋەب بولغان. خىتايدا كەم كۆرۈلىدىغان بۇ ھەرىكەت مەزكۇر زاۋۇتتا يۈز بەرگەن قامال سىياسىتىگە قارشى نارازىلىقنىڭ ئەۋجىگە چىققان ھالىتى دەپ قارالماقتىكەن.
بۇ ئىشچىلار 23-نويابىر كۈنى ئەتىگەندە فۇشىكاڭ زاۋۇتىنىڭ ئالدىغا كېلىپ «ئىش ھەققىمىزنى بەر» دەپ شوئار توۋلاپ نارازىلىق بىلدۈرگەن ھەمدە زاۋۇتنىڭ ئالدى دەرۋازىسىدىكى كامېرالارنى چېقىۋەتكەن. يەرلىك ھۆكۈمەت كۈچلىرى ئۇلارغا ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئاتقان.
جېڭجۇدىكى فۇشىكاڭ زاۋۇتى ئەسلىدە 200 مىڭ ئىشچىنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، يۇقۇمنى قامال قىلىش سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان مالىمانچىلىقتا نەچچە مىڭلىغان ئىشچى زاۋۇت قورۇسىدىن قېچىپ كەتكەن. زاۋۇت ئۇلارنى تۇتۇپ قېلىش ئۈچۈن يۇقىرى مائاش ۋە مۇكاپات بېرىشنى ۋەدە قىلغان، ئەمما بەرمىگەن.
جېڭجۇدىكى فۇشىكاڭ دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئايفون ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتى بولۇپ، دۇنيادىكى 70 پىرسەنت ئايفون بۇ زاۋۇتتىن چىقىدىكەن. نۆۋەتتە بۇ زاۋۇتنىڭ ئىشلەپچىقىرىشى توختاپ قالغان بولۇپ، بۇ ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ئەمگەك كۈچى تېپىپ ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى مۇمكىن ئەمەس ئىكەن.