يېقىندا بېيجىڭدىن قايتىپ كەلگەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى چېن چۈەنگو 7-ئۆكتەبىر كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنىنى چاقىرغان.
«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، يىغىندا خىتاي كومپارتىيەسى سېكرېتارى شى جىنپىڭنىڭ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنى 70 يىللىق خاتىرىسى ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن ھەربىي پاراتتا سۆزلىگەن سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش تەلەپ قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھەر ساھە «تۆت تونۇش»، «تۆت ئىشەنچ» قارىشىنى كۈچەيتىش بىلەن بىرگە «ئىككىنى ھىمايە قىلىش»، «پارتىيە قۇرۇلغان يۈز يىل ۋە دۆلەت قۇرۇلغان يۈز يىل» نىشانى ئۈچۈن تېخىمۇ زور ئەستايىدىللىق بىلەن خىزمەت قىلىشقا چاقىرىلغان.
خەۋەردە بۇنىڭ «كومپارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسىنى ئىجرا قىلىش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئۇزاققا سوزۇلغان ئەمىنلىك بەرپا قىلىشتەك باش نىشان» نىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكى، بۇنىڭ بولسا «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ زور گۈللىنىشى» گە قوشۇلغان تۆھپە بولىدىغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.
نۆۋەتتە چېن چۈەنگونىڭ بۇ قېتىمقى بېيجىڭ سەپىرىدە خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭدىن قانداق يوليورۇقلارنى ئېلىپ كەلگەنلىكى ھەققىدە تۈرلۈك تەخمىنلەر ئوتتۇرىغا چىقماقتىكەن. بۇ قېتىمقى مەخسۇس يىغىننى بەزىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدا بۇندىن كېيىن قىلماقچى بولغان ئىشلىرىنىڭ ئالدىن جاكارلىنىشى، دەپ قاراۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى رەئىسى ئېلشات ھەسەن: «بۇ يىغىننىڭ قارارلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسەتلىرىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ چىڭىيىپ ماڭىدىغانلىقىدىن بېشارەت» دېدى.