«خىتاي خەۋەرلىرى تورى» نىڭ 12-فېۋرال بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى دو ۋەنگۇي پارىخورلۇق جىنايىتىگە چېتىلىپ تەكشۈرۈلگەن.
دو ۋەنگۇي جياڭسۇلۇق خىتايلاردىن بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇزۇن يىل خىزمەت قىلغان؛ ئۇ ئىلگىرى كېيىن بولۇپ، تولى ناھىيەلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى، تۇرپان ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى، 2018-يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. خەۋەردە دېيىلىشىچە، دو ۋەنگۇي تولى ناھىيەسىدە ھوقۇق تۇتقان ۋاقتىدىن باشلاپلا پارا يەپ، زور مىقداردا بايلىق توپلىغان؛ 2024-يىل 3-ئايدا تەكشۈرۈلگەن؛ 10-ئايدا كومپارتىيەدىن قوغلىنىپ، خىزمىتىدىن ھەيدەلگەن.
خىتاي كومپارتىيە ئەزالىرىدىكى چىرىكلىك دو ۋەنگۇيدىمۇ تولۇق ئىپادىلەنگەن بولۇپ، ئۇ كان ئېچىش ھوقۇقىنى باشقىلارغا بېرىش، قۇرۇلۇشنى ھۆددىگە بېرىش، كادىر ئۆستۈرۈش جەريانىدا باشقىلاردىن زور مىقداردا پۇل ۋە باشقا مال-مۈلۈكلەرنى ئالغان. يەنى «پارتىيەنىڭ مۇھىم سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش» نامىدا پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ نەپ ئۈندۈرگەن، ھوقۇقپەرەسلەرگە مەنسەپ ساتقان.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي ئەمەلدارلىرىدا چىرىكلىك، پارىخورلۇق ئىنتايىن ئېغىر بولۇپ، بۇ خەۋەردىمۇ، 2024-يىل 1-ئايغىچە ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگانلىرى تەرىپىدىن 23 مىڭدىن كۆپ ئەمەلدارنىڭ جىنايىتىنىڭ تەكشۈرۈلگەنلىكى، ئۆتكەن يىلدىكى ئوخشاش نىسبەتتىن 34 پىرسەنتكە يېقىن ئاشقانلىقى، بۇنىڭ ئىچىدە ئۆلكە دەرىجىلىك ئەمەلدارنىڭ 30 غا يەتكەنلىكى مەلۇم قىلىنغان.
رادىيومىزغا بۇ ھەقتە سۆز قىلغان خىتاي ۋەزىيىتى ئانالىزچىلىرىدىن خۇپىڭ، تېڭ بىياۋ قاتارلىقلار خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك چىرىكلىكنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى، پەقەت ئەمەلدارلىق سەھنىسىدە ئىشى ئوڭدىن كەلمىگەن ئەمەلدارلارنىڭلا موللاق ئاتىدىغانلىقىنى، ئومۇمەن، خىتاي كومپارتىيەسى يوقالمىغۇچە چىرىكلىكنىڭ يوقالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ كەلمەكتە.