تەڭرىتاغ تورىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، 11 ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسنىڭ جازاسىنى يېنىكلىتىش قارارىنى ئاۋۋال ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوندىكى سوت ئورگانلىرى ئەمەس، بەلكى پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن بەرگەن.
خەۋەردە 1 -فېۋرال كۈنى 1 -تۈرمىدە ئېچىلغان مەزكۇر ھۆكۈم ئېلان قىلىش يىغىنى ھەققىدە ئەينەن مۇنداق دېيىلگەن: «بۇ قېتىملىق يىغىن ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەننىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئېچىلدى ھەم جاڭ چۈنشيەن شۇجى مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بەردى».
خىتاي دائىرىلىرى نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ئۆزلىرىنىڭ دۆلەتنى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاتالمىش تېررورلۇق دېلولىرىدىكى ئۈستىدىكى ھۆكۈملەرنىڭ سىياسىي قارار بىلەن بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئىنكار قىلىپ كەلگەن ئىدى.. تەڭرىتاغنىڭ مەزكۇر خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە جاڭ چۈنشيەننىڭ تەستىق يوليورۇقىدا مۇنداق دېيىلگەن: «پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ۋە مەن جازا ئۆتەۋاتقانلارغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ، دىققەت قىلىپ كېلىۋاتىمىز، سىلەرنىڭ تىرىشىپ ئۆزگىرىپ، تۈرمىدىن تېزرەك چىقىپ، يېڭى ھاياتقا قەدەم قويۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن».
ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، تەڭرىتاغنىڭ خەۋىرىدىكى يۇقىرىقى بايانلار، ئۇيغۇر رايونىدىكى سىياسىي دېلولارنىڭ قانۇنىي تەرتىپ بويىچە ئەمەس، سىياسىي قارار ۋە ئەمەلدارلارنىڭ خاھىشى بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلىماقتا.