خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنى بولغان «ئەركىنلىك سارىيى» 5-فېۋرال «خىتاينىڭ چاغىنىدا سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى كۆلەڭگە ئاستىدا» ناملىق بىر بايانات ئېلان قىلىپ، خەلقئارا جامائەتنى چاغاننى خىتاي تۈرمىلىرىدە ئۆتكۈزۈۋاتقان سىياسىي مەھبۇسلارنى ئۇنتۇپ قالماسلىققا چاقىردى.
ئۇنىڭدا8-فېۋرال كۈنى باشلىنىدىغان چاغان بايرىمىدا مىليونلىغان خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى بىلەن جەم بولۇپ بايرام ئۆتكۈزىدىغانلىقى، ئەمما تۈرمىدە يېتىۋاتقان شۇنداقلا يېقىنقى بىر قانچە ھەپتىدىن بۇيان قولغا ئېلىنغان سىياسىي مەھبۇسلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ بولسا بۇنداق بىر پۇرسەتتىن مەھرۇم ئىكەنلىكى بايان قىلىندى. ئۇلار بۇ سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ پەقەتلا پەرقلىق سىياسىي ۋە دىنىي كۆز قاراشلىرى تۈپەيلىدىنلا «جىنايەتچى» دەپ قارىلىنىپ، ئائىلىسىدىن، سۆيگەنلىرىدىن ئۇزاق قېلىشقا مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەركىنلىك سارىيى تىۋىتتىر تورى ئارقىلىق يەنە، تۈرمىدىكى سىياسىي مەھبۇسلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىلىرىگە بايراملىق سالام يوللاش پائالىيىتى باشلاتقان بولۇپ، ئۇنىڭدا خىتاي ئۆكتىچى، نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى ليۇ شاۋبو، ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى، شۇنداقلا تېخى يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىدىكى سوت دائىرىلىرى تەرىپىدىن «دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنۇش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، 19 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان خىتاي پائالىيەتچىسى جاڭ خەيتاۋ قاتارلىق سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ ئىسمى يەر ئالغان.
ئەركىنلىك سارىيى باياننامىسىدە، خىتايدىكى ۋە دۇنيادىكى بارلىق كىشىلىك ھوقۇق تەرەپدارلىرىنى چاغان مەزگىلىدە بۇ سىياسىي مەھبۇسلارنى ئۇنتۇپ قالماسلىققا، ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىدىن ھال سوراپ، ئۇلارغا روھىي جەھەتتىن مەدەت بولۇشقا چاقىرغان.