خىتاي كومپارتىيەسى سىياسىي بيۇروسىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، خىتاي مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى لى شى ئۆتكەن ھەپتە ئۇيغۇر رايونىدا زىيارەتتە بولغاندا رايوندىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش تارماقلىرىدىن «سىياسىي نازارەت» نى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلغان. لى شى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۆتكەن يىلى ئۆكتەبىردە چاقىرىلغان 20-قۇرۇلتىيىدا بارلىققا كەلگەن شى جىنپىڭ باشچىلىقىدىكى يېڭى سىياسىي بىيۇرو دائىمىي كومىتېتى ئەزالىرىدىن ئۇيغۇر رايونىدا تەكشۈرۈشتە بولغان 2-شەخس. بۇنىڭدىن بۇرۇن بۇ يىل 5-ئايدا خىتاي كومپارتىيەسى سىياسىي بيۇروسىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، خىتاي مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭىشىنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ زىيارەتتە بولغانىدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، لى شى ئۇيغۇر رايونىدا 25-ئىيۇلدىن 29-ئىيۇلغىچە 4 كۈنلۈك تەكشۈرۈشتە بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك مۇقىملىقىنى قوغداش قوماندانلىق مەركىزى، جەنۇبىي تاغ چارۋىچىلىق مەيدانى، ئۇيغۇر دورىگەرلىك شىركىتى، ۋۇجياچۈدىكى يىنفېڭ دېھقانچىلىق ئەسلىھەلىرى شىركىتى، قابا ناھىيەسى، بۇرچىن ناھىيەسى قاتارلىقلار جايلاردا بولغان.
لى شى، 26-ئىيۇل ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەت يىغىنىدا، ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە ئاپپاراتلىرىنىڭ «چوقۇم يېڭى دەۋر ۋە يېڭى مۇساپىدە پارتىيەنىڭ بۇرچى ۋە ۋەزىپىسىنى پۇختا ئىگىلەپ، نۇقتىنى ‹چوڭ دۆلەت› بولۇشقا مەركەزلەشتۈرۈش، سىياسىي نازارەتنى كۈچەيتىش» نى تەلەپ قىلغان. ئۇ، پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىنى تولۇق ئورۇنداپ، «خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق خىتاي مىللىتىنىڭ چوڭ گۈللىنىشىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇش» نى تەكىتلىگەن. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، رايوندىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە ئاپپاراتلىرى چوقۇم «جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىك ئومۇمىي نىشانىغا ئەھمىيەت بېرىشى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتا ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز شەكىللەندۈرۈشى، بۆلگۈنچىلىككە قارشى ئېنىق ۋە كەسكىن ئىنتىزامىغا ئىگە بولۇشى كېرەك» ئىكەن. لى شىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى تەكشۈرۈشى، «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى» نىڭ مۇئاۋىن قوماندانى جياۋ شاۋپىڭ ئۆتكەن ھەپتە خىتاي مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تەرىپىدىن «ئىنتىزام ۋە قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش» بىلەن ئەيىبلىنىپ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان ۋە پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىلغان بىر ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلغان. جياۋ شاۋپىڭ بۇ يىل 3-ئايدىن باشلاپ تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغانىدى.